خىتاي نېفىت بازىرى ئېچىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ۋە خام نېفىتنى توپ سېتىش بازىرى ئېچىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان. خىتاينىڭ سودا مىنىسىتىرى بۇنى 'كەلگۈسىدە جۇڭگودا نېفىت بازىرى ئېچىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تىرىشچانلىق' دەپ بايان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ۋە خام نېفىتنى توپ سېتىش بازىرى ئېچىش ھەققىدە چىقارغان بەلگىلىمىسىدە، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى چەتئەللىكلەرگە توپ ساتقۇچىلارنىڭ چۇقۇم 10 مىڭ كۇپمېتىرلىق نېفىت ئىسكىلاتى ۋە بىر قېتىمدا مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلالايدىغان سالاھىيەت كېنىشكىسى بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت بازىرى ئېچىش ھەققىدە چىقارغان يەنە بىر ئايرىم بەلگىلىمىسىدە، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدا توپ ساتقۇچىلارنىڭ ئاز دېگەندە 100 مىليون يۇەن كاپىتالى بولۇشى ۋە تىجارىتىنى تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھازىر دۇنيادا نېفىت سانائىتىنى دۆلەت تەرىپىدىن ماناپول قىلىپ كېلىۋاتقان بىرىدىن- بىر دۆلەت. (ۋەلى)