0:00 / 0:00
تەيۋەن بوغۇزى دۇنيادىكى ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىمالى ھەر ۋاقىت مەۋجۈت بولغان سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرىدۇر. نۆۋەتتە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى تەيۋەن بوغۇزىغا 900 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنىتىپ، تەيۋەنگە تەھدىت سالماقتا.
ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلسا، خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلامدۇ ؟ ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تەيۋەنلىكلەر ھايات - ماماتنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرماقتا ئىكەن.
سىدىق ھاجى ئەپەندى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېتىپ كېلىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكە پېتىنالامدۇ ؟ دەپ سورىغۇچىلارغا جاۋاب بېرىپ، " جۇڭگودا ئۇرۇش كەسكىنلەشكەن ئىچكى زىددىيەتلەرنى يېپىشنىڭ قورالى بولۇپ كەلدى "دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى سىلەرگە سۇنىمىز.