بېيجىڭ : ئولىمپىك مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويدى
2008.03.13
خىتاي ھۆكۈمەت خادىمى پەيشەنبە كۈنى، بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، ھەر قانداق بىر جوڭگۇ پۇقراسى ۋە ياكى چەتئەل پۇقراسىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئالدىن رۇخسەتكە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا ھەر قانداق نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ، ساقچى ئورگانلىرىنىڭ رۇخسىتى بۇيىچە قانۇنغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، مەيلى جۇڭگولۇق ياكى چەتئەللىك بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، بارلىق كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدىلىيە تارماقلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇشىنى، ئەدىلىيە تارماقلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ قانۇنى بۇيىچە، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ۋە رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىراق خەۋەردە، ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىش ئىلتىماسلىرىغا ھېچقاچان رۇخسەت بېرىلىپ باقمىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق يې گوچاڭ ئىسىملىك بىر پۇقرانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئاكىسى يې گۇجۇاڭنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان نامايىش قىلىش ئىلتىماسى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقىنى ھەتتا بىر قانچە يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاي ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن يالغۇز بېيجىڭدىكى نازارىتىنى كۈچەيتىپلا قالماي، باشقا رايونلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنىمۇ ئالاھىدە كۈچەيتمەكتە. بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى ھەمدە نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قوزغاپ، نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنى قولغا ئالغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يېڭى مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچتى
- نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا رۇخسەتسىز نامايىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشىنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" نىڭ سىر پەردىسى تېررورلۇق تەھدىتنىڭ راستلىقىغا گۇمان پەيدا قىلدى
- دالاي لاما ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئەيىبلىدى
- دالاي لاما 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلىباند خىتاينى لۈكچەك دۆلەتلەر بىلەن ھەمتاۋاق بولماسلىققا چاقىردى
- "ھەق - ھوقۇقىمىزنى ۋە قەدىر - قىممىتىمىزنى قايتۇرۇپ ئالىمىز "
- سىچۇەندە نەچچە مىڭ ئىشچى ئىش ھەققىگە نارازى بولۇپ ئىش تاشلىدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- خىتاي بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى