بىڭتۇەن 4 ‏- دېۋىزىيە 75 ‏- پولكى ئۆز ئەتراپىدىكى يۇرتلارنى نازارەت قىلىدىغان فوتو ئاپپارات سېستىمىسى قۇردى

شىنجاڭ خەۋەر تورىدا مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 4 ‏- دېۋىزىيە 75 ‏- پولكى ئۆز ئەتراپىدىكى يۇرتلارنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، تېلېۋىزىيە تورىدىكى 8 قانالغا ئۇلىنىدىغان فوتو ئاپپارات سېستىمىسنى قۇرۇپ سىناقتىن ئۆتكۈزگەن. بىڭتۇەن بۇ سېستىما ئۈچۈن 160 مىڭ يۇەن مەبلەغ سالغان.

خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، بىڭتۇەننىڭ 75 ‏- پولكى خىتاينىڭ ئىلى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى سېستىمىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى 'نەمۇنىچى ئورۇن' دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ پولكنىڭ ساقچى پونكىتى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 'خىزمەت كۆرسەتكەن ساقچى پونكىتى' دېگەن نام بىلەن تەقدىرلەنگەن. 75 ‏- پولك ھازىر قۇرۇپ چىققان فوتو ئاپپارات سېستىمىسى 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا "ئەتراپىدىكى يۇرتلاردىكى ھەممە شەپىنى سېزىدىغان، ھەممە ئائىلىدىكى ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزنى بىلىپ ئاڭلاپ تۇرىدىغان سېستىما' دەپ تەسۋىرلەنگەن.