خىتاينىڭ مەركىزى، شەرقىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا، ئاز دېگەندە 60 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە 223 مىڭ ئوينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە شۇنىڭدەك 862 ئوينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىشىغا سەۋەب بولغان قار ئاپىتى ۋە ناچار ھاۋا شەرتلىرى ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قار ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 78 مىليون كىشىگە يەتكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە يارەدم بېرىش ئۈچۈن 360 مىڭ ئەسكەرنى سەپەرۋەر قىلغان شۇنداقلا گۇۋاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نەزىم ۋە تەرتىپنى قايتىدىن ئورنىتىش ئۈچۈن، گۇۋاڭجۇ ھەربىي رايونىدىن 1500 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ئوفىتسېر گۇۋاڭجۇ شەھىرىگە ئەۋەتىلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قار ئاپتى سەۋەبىدىن، پويىز ئىستانسىلىرىدا ئامالسىز قالغان يولۇچىلارنىڭ سانى 6 مىليون كىشىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى، يېڭى يىلىنى ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن يېزا -قىشلاقلارغا قاراپ يولغا چىققان، ئاققۇن ئىشچىلار ئىكەن.
گەرچە، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، قار ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ پىداكارلىق بىلەن كىچە- كۈندۈز ئىشلەۋاتقانلىقى ھەمدە ياردەملەرنىڭ ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئىنتېرنېت توربەتلىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ قار ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىدە نۇرغۇن كەمچىلىكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىدە يېتەرسىز قىلىۋاتقانلىقىدىن، شىكايەت قىلماقتا. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قار ئاپىتى ۋە سوغۇق تېمپېراتۇرا خىتاي ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى
- خىتايدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن
- خىتايدا ئەللىك يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قار ئاپىتى يۈز بېرىپ قاتناش پالەچ بولدى
- خىتايدا قار ئاپتى
- قاتتىق سوغاق بايىنغولىندا ئاپەت پەيدا قىلدى
- كۇچا يايلىقى قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىنى تەبىئىي ئاپەت دەپ كۆرسىتىشى نارازىلىق قوزغىدى
- ئۇچتۇرپان كەلكۈن ئاپىتىدە قالدى
- شەندوڭدىكى ئىككى چوڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىدە ئېغىر ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەردە 200 مىڭغا يېقىن ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ 38 ئادەم قازا قىلغان
- خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەر دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتىغا زىيان سالدى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېكەس تەۋەسىدە يەر تەۋرەپ 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى