خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان خەلقئارا ترانسىپورت قاتناش يولى ياساشنى پىلانلىدى

خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدىغان 12 لىنىيەلىك تاش يول قۇرۇلۇشى ياساشنى پىلانلىغان.

خىتاي ئاخبارات تورى 5 ‏- ئاپرىل كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى قاتناش ترانسىپورتىنى باشقۇرۇش ئىشخانا خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مەزكۇر قاتناش يوللىرىنىڭ رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، پاكىستان قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەرگە تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن خەلىقئارالىق قاتناش يولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشلىنىپ، ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىدىن تاشكەنت، مەشئەت، تېھران، ئىستانبۇللاردىن ئۈتۈپ، ئاخىرىسى ياۋرۇپاغا تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارالىق تاش يولنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگرىسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 1680كىلومېتىر بولۇپ، تاش يول قۇرۇلۇشى 2010 - يىلىدىن بۇرۇن پۈتۈپ چىقىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، خىتايدىكى سىرتقا ئېچىلغان چېگرا ئېغىزلىرى ۋە خەلقئارا تىرانسىپورت لىنىيىسى ئەڭ كۆپ رايون ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگىرلىنىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلار، خىتاي بىلەن بولغان تاشقى دىپلوماتىيە ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا قارىماي، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەكتە. ئۆتكەن يىلى كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسىيىن جېلىل ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، تا بۈگۈنگە قەدەر خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلمىدى. (ئەقىدە)