خىتايدىكى ئىككى جايدا يەنە يېڭىدىن قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى
2005.11.21
خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ئىچكىي مولغۇلغا يەنە يېڭىدىن قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقالغانلىقى بايقالدى. خىتاي يېزا- ئېگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېنىقلىشىچە، ئىچكىي مولغۇلدىكى بىر قۇش فېرمىسى ۋە خۇبېيدىكى بىر غاز فېرسىمىدا يەنە H5N1 تىپلىق ئەجەللىك قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان. خۇبېينىڭ شىشۇۋ شەھىرى ئەتراپىدىكى غاز فېرمىسىدا 3500 دەك غاز ئۆلگەن. ئىچكىي مولغۇلدا بولسا 176 ئۆي قۇشى ئۆلگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئىككى فېرما ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى قۇشلارنى ئۆلتۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى قۇش زۇكىمى كىرىزىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا. ھازىرغىچە خىتايدىكى 21 ئورۇندا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان. بۇ سەۋەبتىن 150 مىڭغا يېقىن قۇش ئۆلگەن. 21 مىليوندىن ئارتۇق قۇش بوغۇزلانغان. 45 يېزا بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆت جايدىمۇ قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان ئىدى.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرى يىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە قىسمەن رايۇنلاردا قۇش زۇكىمى پۈتۈنلەي كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئوموميۈزلۈك تارقىلىش ئەھۋال يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سوغۇقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خىتايدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇش زۇكىمى تارقىلىش ئەھۋاللىرىنى تۆت سائەت ئىچىدە مەركەزگە دوكلات قىلىش بەلگىلىمىسنى بىكىتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
قۇش زۇكىمى 2003 - يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا بايقالغاندىن بۇيان، 60 تىن ئارتۇق ئادەم قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلدى. خىتايدىمۇ بۇ ئايدا بىر كىشىنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئېنىقلاندى. (ئارزۇ)