خىتايدا چىقىدىغان قانۇن تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىسى قىياپىتىدە كۆرسىتىپ، پۇل ئۈندۈرۈشكە ئۇرۇنغان سۈن يۇڭجىڭ ئىسىملىك بىر قىمارۋاز ئىككى شېرىكى بىلەن بىللە، پارتلىتىش تەھدىتى سېلىش ئارقىلىق مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان. ئۇلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رازۋېتكا قىلىشى نەتىجىسىدە 14 - ئىيۇن كۈنى قولغا چۈشكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېررورچىلار ھەققىدە كۆپ تەشۋىق ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە مەزكۈر ۋەقەنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ كۆپ سادىر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئايرۇپىلان پارتلىتىش ۋەقەسىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، بۇ ۋەقەگە دائىر پاكىتلارنىڭ يالغۇز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىكى سىياسىيون ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.