مىڭتيەن سارىيىغا چاپلانغان "بىنانىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تەدبىرى"نىڭ 10 - ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن ": سىرتتىن كەلگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تىبەتلەر، شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار ۋە چىڭخەي خۇالۇڭلۇق تۇڭگانلار بىناغا كىرسە، بىخەتەرلىك بۆلۈمىگە دەرھال خەۋەر قىلىنىشى كېرەك. بىخەتەرلىك خادىملىرى بۇ كىشىلەرنى بىنادىن يىراقلاشتۇرۇشى، يىراقلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇلارنى باشتىن ئاخىر كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىم."
تەدبىرنامىنىڭ كىرىش قىسىمىدا بۇ تەدبىرنى يولغا قويۇشتىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرگەن بولۇپ، " نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچى ۋەزىيىتى ناھايىتى جىددىي. جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ پائالىيىتى ئەسەبىيلەشتى. تىبەت مۇستەقىلچى، شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرىغا ئوخشاش تېررورچى تەشكىلاتلار زوراۋانلىق ۋاستىلار بىلەن مەقسىتىگە يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سېلىشماقتا. ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىقلار جۇڭگوغا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى" دەپ تەكىتلىگەن.
بەلگىلىمىدە يەنە بۇ تەدبىرلەر شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن يولغا قويۇلغانلىقىنى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ 16 - ئىيۇلدىن 31 - ئۆكتەبىرگە قەدەر يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مىڭتيەن سارىيىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى "شاڭخەيچى" دېگەن نامدىكى بىر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىپ، "شاڭخەي كېلەچەك سارىيىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقلار " دەپ تەنقىد قىلىندى. بۇ تەدبىر خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاي دائىرىلىرىنى مەتبۇئات ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، مىللەتلەر ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق، باراۋەرلىك، ئۆلۈم جازاسى قاتارلىقلاردا خەلقئارا ئۆلچەملەرنى دەپسەندە قىلماقتا، دەپ ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە يولغا قويۇلغان.