ھىندىستان ۋە خىتاي قەدىمىي يىپەك يولىدا قايتا سودا باشلاش پىلانىنى كېچىكتۈردى


2005.09.28

ھىندىستان بىلەن خىتاي قەدىمىي يىپەك يولىدا قايتا سودا باشلاش پىلانىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە، خىتاي تەرەپتىكى سودا ئەسلىھەلىرى پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ چېگرادا سودا باشلاش پىلانىنى كېچىكتۈرگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئەسلىدە سېككىم ئۆلكىسى ۋە تىبەت رايونى ئارىسىدىكى ناسۇ لاۋاس ئېغىزىنى 2 - ئۆكتەبىر كۈنى ئاچماقچى ئىدى. ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا كىلەر يىلى 4 - ئايلاردا باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ناسۇ لاۋاس سودا ئېغىزى، ھىندىستان ۋە خىتاي 1962 - يىلى چېگرا مەسىلىلىرى بويىچە توقۇنۇشىشتىن بۇرۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سودا ئېغىزى بولۇپ، ئۇ يەنە قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى. بىراق ئۇرۇشتىن كىيىن، بۇ ئېغىز ئىتىلىپ كەتكەن.

خىتاي بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يۇمشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئالاقىمۇ كۈچەيمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.