ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئىراننى زىيارەت قىلدى
2006.04.18
خەلقئارا جەمئىيەت ئىران يادرو پىلانىنىڭ تەرەققىياتىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر چاغدا, ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئىراننى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ۋاڭ لېچۈەن يىتەكچىلىك قىلغان ۋەكىللەر ئۆمىكى دۈشەنبە كۈنى تېھراندا ئىراننىڭ 1 - مۇئاۋىن پرېزىدېنتى پەرۋىز داۋۇدى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پەرۋىز داۋۇدى ۋاڭلېچۈەن باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن جۇڭگو - ئىران مۇناسىۋىتى بويىچە "چوڭقۇر " پىكىر ئالماشتۇرغان. لېكىن شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ قايسى كونكرىت مەسىلىلەردە " چوڭقۇر" پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
پەرۋىز داۋۇدى ۋاڭلېچۈەنگە " ئىران بىلەن جۇڭگو نۇرغۇن خەلقئارا زور مەسىلىلەردە ئوخشاش مەيدانغا ئىگە" دەپ تەكىتلىگەن. ۋاڭ لېچۈەن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىراندىكى سىياسىي پارتىيىلەر بىلەن 4 پرىنسىپ ئاساسىدا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. خىتاي ئىراننى نازۇك ھەربىي تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى دۆلەت ئۆتكەن يىلى سوممىسى غايەت زور مىقداردىكى نېفىت ۋە تەبىي گاز ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىغان.
ۋاڭلېچۈەن ۋە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 14 - ئاپرىلدا باشلانغان زىيارىتى ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد، ئۆتكەن ھەپتە ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران تاۋلاپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلدى. ئىران پرېزىدېنتىنىڭ باياناتىدىن كېيىن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىرانغا قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان. لېكىن ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ۋە ئىراننىڭ ئۇران تاۋلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا ئىمبارگو قويۇشىغا قارشى تىرەجىمەكتە ياكى ۋاقىتنى كەينىگە سوزماقتا ئىدى. (ئەركىن)