چوڭچىڭ ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ يىغىلىپ قالغان ئەرىزنامىلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى

خىتاي كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى داۋاملىق تۈردە خىتايدا خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى، ئەرزدارلارنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ زورلۈقىغا ئۇچرايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

ئەمما ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى يېقىندا ئەرزدارلارغا قارىتا پەۋقۇلئاددە تەشەببۇسكار پوزىتسىيە تۇتقان بولۇپ، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي سودا مىنىستىرى بىرلىكتە چوڭچىڭ ھۆكۈمىتىدىكى مەمۇرىي كادىرلارنى يىغىلىپ قالغان ئەرزىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان ئىكەن.

چۇڭچىڭ شەھىرى دائىرىلىرى بىر ئاي ئىچىدە بىر يىلدىن بۇيان يىغىلغان 1600 پارچىدىن ئارتۇق ئەرىزنامىلەرنى بىر تەرەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي سودا مىنىستىرى بو شىلەينىڭ شىنخۇئا مۇخبىرىغا ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بو شىلەي مۇخبىرغا " بەزى كادىرلار خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرمەيدۇ ھەم ئاڭلىمايدۇ، ئەرز قىلغۇچىلارنى چاتاق تېرىغۇچىلار دەپ چۈشىنىدۇ، ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىشنى ئاۋارىچىلىق دەپ چۈشىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزى بىلمەيلا ئاۋام خەلقنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەرزدارلارنىڭ كۆپىنچىسى مەسىلە بولغاچقا ئەرز قىلىدۇ، بولمىسا ئۇلارغا شۇنچە يوللارنى يۈرۈش ئاسانمۇ " دېگەن.

سودا مىنىستىرى بو يەنە، چۇڭچىڭدىكى كادىرلارغا، ئەرىز قىلىشىپ كەلگەن ئاۋام خەلق "ئاسمان يىراق،يەر قاتتىق ۋەزىيەتتە قالمىسۇن " دەپ مۇراجەت قىلغان.