بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەشقەردىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئابدۇراخمان ئازات، قۇربانجان ھېمىتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى بۈگۈندىن باشلاپ قەشقەر ۋە باشقا جايلاردا تولۇق قوراللىنىپ، جىددىي ھالەتكە ئۆتتى. كىملىك تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ فوتو مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەر پويىز ئىستانسىسىغا ۋە پاكىستاندىن يولۇچىلار كېلىدىغان جايغا كىرىشىنى چەكلىگەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'داگوڭباۋ گېزىتى' ئېلان قىلغان خەۋەردە، خىتاينىڭ قەشقەردىكى ئەمەلدارى شى داگاڭ 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىنى زوراۋانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ بېكىتتى، دەپ بايان قىلدى.