ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2008 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە تۇرپان، قۇمۇل كارىزلىرىنى قوغداش -يېڭىلاش، سۇغۇرۇش سېستىمىسىنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى خىتاي دۆلەت كابىنىتى تەستىقلىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن 180 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشنى بەلگىلىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28 - نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى ئورۇنلايدىغان مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۇنيا بانكىسىدىن يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز ئالغان.
كارىز 2006 - يىلى دۇنياۋىي مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە ئېلىنغان ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزىگە ئېقىتىپ چىقىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئەنئەنىۋىي تېخنىكىسى. كارىز تېخنىكىسى تۇرپان، قۇمۇل رايونلىرىدا ئاز دېگەندە 2000 يىلىدىن بۇيان مەۋجۇت. گەرچە دۇنيادا 40 دۆلەتتە كارىز بولسىمۇ، ئەمما تارىختىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان كارىز ئىزلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەڭ كۆپ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا، تۇرپان - قۇمۇل رايونىدا بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن 1700 كارىز بارلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى 20 دەك كارىز خاراپ قىلىنىشقا ئۇچراپ، ھازىر ئاران 600 كارىز قالغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. (ۋەلى)