خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردىكى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى

5 - ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، قەشقەردە 4 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەترىتىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، 4 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ ئەسكەرلىرى ئەتتىگەنلىك مەشق جەريانىدا 28 ۋە 33 ياشتىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ھۇجۇمدا 16 نەپەر ئەسكەر ئۆلگەن، 16سى يارىلانغان.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى زوراۋانلىق ھۇجۇم دەپ ئاتىغان بولۇپ ھۇجۇم قىلغۇچى ئىككى نەپەر قەشقەرلىك ئۇيغۇر، ھۇجۇمنى پىلانلىق ئېلىپ بارغان، ئۇلار ئوغرىلانغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن مەشق قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلغان، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى پارتلاتقۇچ پارتلىغان. ۋەقەدىن كېيىن ئىككى ئۇيغۇر ياش يارىلانغان ھالەتتە قولغا ئېلىنغان.

ساقچى دائىرىلىرى نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدە يەنە توققۇز دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا ۋە قولدا ياسالغان مىلتىق قاتارلىقلارنى تاپقان. خىتاي دائىرىلىرى گەرچە مەزكۈر ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى زوراۋانلىق ھۇجۇم دېگەن بولسىمۇ، يەنىلا ۋەقەدە تېپىلغان قوراللارنىڭ 2007 - يىلى 1 - ئايدا كوسىراپتا پاش بولغان شەرقىي تۈركىستان تېررور تەشكىلاتىنىڭ ئىشلەتكەن قوراللىرى بىلەن ئوخشاشلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەردە يۈز بەرگەن 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە، كوچىلارنى قامال قىلىش، ئادەم تۇتۇش قاتارلىق ئالاھىدە جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىي ھالەتكە ئېلىپ كىرگەن.