خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى چوڭ ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن چارشەنبە كۈنى، يەنى 6 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۈرۈمچى شۆبىسىنىڭ ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىسكادىرونىنىڭ باشلىقى جۇ يىڭلياڭ، پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى چوڭ ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى ۋە پاش قىلىنغان مۇھىم دېلولارنى كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 3 ‏ - ئايدا، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تاموژنىسىدا، ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدىن كىرگەن ماللار ئىچىدە، قولدا توقىغان 100 دانە گېلەمگە يوشۇرۇلغان 47 كىلوگرام خېروئىن بايقالغان ئىكەن. بۇ مال ئۈرۈمچىدىكى ئامىنە ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ نامىدا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئافغانىستاندىكى زەھەرلىك چېكىملىك تىجارەتچىلىرىدىن ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى شىنجاڭدا، 'ئالتۇن ھىلال ئاي' نامىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىدىن 40 نەپەر جىنايەتچى تۇتۇلدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پاكىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە ئافغانىستانلاردىن كەلگەن، دەپ جاكارلىغان.

شۇنداقلا يەنە، خېروئىننى ئىنچىكە پلاستىك تۇرۇبا ئىچىگە يۇشۇرۇپ، ئۇنى 'ئافغان گىلىمى' دەپ توقۇپ چىقىش ياكى پەنەركە تاختىنىڭ قاتلىرىغا يوشۇرۇش - زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى قوللىنىۋاتقان يېڭى چارە، بۇنى جۇڭگو تاموژنىلىرى بايقىدى، دېگەن.