خىتاي سەھىيە تارماقلىرى 22 شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددا بايقىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي پۇقرالىرىدا كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسلىرى پەيدا بولدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك چارىلارنى قوللىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بىراق، سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينىڭ چوقۇم مەھسۇلاتلارغا قارىتا خىمىيىلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە خىتاي بوۋاقلار سۈت پاراشوكى بېنگال قاتارلىق بەش دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنغان.
مالايشىيا ۋە سىنگاپور ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ سۈتلۈك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ سۈتلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى سودىسى تەھدىتكە دۇچ كەلگەن.