خىتاي تۇنجى "شىنجاڭ خەلقئارالىق مىللىي ئۇسۇل بايرىمى" باشلىدى

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دائىرىلىرى 8 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن 10 كۈنلۈك "جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارالىق مىللىي ئۇسۇل بايرىمى"نى باشلىدى.

شىنخۇئانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مىللىي ئۇسۇل بايرىمىنى خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن.

خىتاي مۇئاۋىن مەدەنىيەت مىنىستىرى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى مىللىي ئۇسۇل بايرىمىنىڭ "خەلقئارا ئۇسۇل ئالاقىلىرى ئۈچۈن بىر دوستلۇق كۆۋرۈكى قۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن ۋە مەدەنىيەتلىك بىر شىنجاڭنى نامايەن قىلىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر پائالىيەتكە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مىللىي ئۇسۇلچىلاردىن باشقا يەنە رۇسىيە، مىسىر، تۈركىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتنىڭ مىللىي ئۇسسۇلچىلار ئۆمەكلىرى قاتنىشىدىكەن. جەمئىي 45 مەيدان ئويۇن قويۇش ھەمدە ئۇسۇل مەسىلىلىرى بويىچە ھەر قايسى ئەل ئۇسۇلچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پىلانلانغان.

ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆزەتكۈچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا دىققەت قىلىشىنىڭ كۆپىيىشى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ھەر قايسى خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى بۇ مەسىلىدە تەنقىد قىلىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى خەلقئاراغا نامايەن قىلىشتەك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.