ليۇ جيەنچاۋ پەقەت بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: " ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. ئەمما جۇڭگو قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەت، جۇڭگونىڭ نەرىدە بىر دېلو بىر تەرەپ قىلىنسا ئۇ قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ."
خىتاي 9 - ئىيۇل كۈنى قەشقەرنىڭ يېڭى شەھەر ناھىيىسىدە 10 مىڭ كىشىلىك ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ۋە 15 ئۇيغۇرغا پەرقلىق مۇددەتتە قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى ۋە بۇ ھۆكۈمىنى ئاخبارات ساھەسىدىن يوشۇرۇن تۇتقان ئىدى. رادىئومىز ۋەقەنى دۇنياغا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىنى ۋە ئۇنى دۇنيادىن يوشۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 25 - يانۋار ۋەقەسى، 23 - مارت كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن ئاياللار نامىيىشىنىمۇ ئوخشاشلا ئاخبارات ساھەسىدىن يوشۇرغان. پەقەت رادىئومىز ۋەقەنى دۇنياغا خەۋەر قىلغاندىن كېيىنلا ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات بەرگەن ئىدى.