ئىككى ئاكا - ئۇكا خىتاي سۈتكە خىمىيىلىك ماددا مېلامىننى قوشۇپ ساتقان

زەھەرلەنگەن بوۋاقلار پاراشوكى دېلوسىغا ئالاقىدار ئىككى ئاكا - ئۇكا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار ئەسلى خىتايدىكى بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقارغۇچى بىر قەدەر چوڭ شىركەت سەنلۇ شىركىتىنىڭ سۈت تەمىنلىگۈچىلىرى ئىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، گېڭ فامىلىلىك بۇ ئاكا ‏ - ئۇكىلار سەنلۇ شىركىتىنىڭ خېبېي ئۆلكىسىدىكى سۈت تەمىنلىگۈچىلىرى بولۇپ، ئۇلار سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆرسىتىش ئۈچۈن، سۈت تەركىبىگە خىمىيىلىك ماددا مېلامىننى قوشۇۋەتكەن ئىكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا كەلگۈچە مەزكۇر سۈت پاراشوكىدىن 1253 بوۋاق زەھەرلەنگەن ھەمدە ئىككى بوۋاق زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

مېلامىن ئەسلى يالتىراق ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددا بولۇپ، ئادەم ئىستېمال قىلسا بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى زەئىپلەشتۈرۈپ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن.

ھازىرغىچە بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا مېلامىن قوشۇلغان 3 توننا سۈت ساتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2176 توننا سۈت پاراشوكىنى يىغىۋالغان.