خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە ھۆكۈم ئېلان قىلماقچى

باش شىتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان تەشكىلات "كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىنفورماتسىيە مەركىزى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھەمدە خوڭكوڭ "مىڭ باۋ" گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ئاياغلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئولىمپىك يىغىنىغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغا 65 نەپەر ئۇيغۇر مۇستەقىلچىسىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سوت ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ 65 نەپەر ئۇيغۇر مۇستەقىلچى بۇ يىل 1 - 3 - 4 - ئايلىرىدا ئۈرۈمچى، بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئولىمپىك يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا چۈشكەن كىشىلەر ئىكەن.

مەزكۇر ئىنفورماتسىيە مەركىزىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇرلارغا ئارتىلغان جىنايەتلەر بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولغاچقا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 20 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھازىرچە بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە "ئايروپىلان پارتىلىتىشقا ئۇرۇندى" دەپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر قىز گۈزەلنۇر تۇردى ھەمدە بۇ يىل باھاردا ئۈرۈمچى بەخت ئائىلىلىكلەر ئولتۇراق رايونىدا خىتاي ساقچىلىرى قولغا ئالدۇق دەپ ئېلان قىلغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بار يوقلۇقى تېخى مەلۇم ئەمەس.