شىنخۇئانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 25 - ماي كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان سىچۈئەننىڭ ئاپەت رايونىدىن كەلگەن ھەمدە ئائىلىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىر مۇئاۋىن رەئىسى ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىغان ھەمدە ئۆزى بىۋاسىتە ياردەم پۇللىرىنى تارقاتقان. ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە 1039 نەپەر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەر بالىلىرى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 500 يۈئەن بېرىلگەن.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى ئارقىلىق بالىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىمۇ سىچۈئەندكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىلا 850 مىڭ يۈئەن يىغىلغان.
يەنە بىر خەۋەر شۇكى، ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن خەيرىخاھلىق ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ناخشىچىلىرىدىن ئۆزبېك مىللىتىدىن بولغان شامىل شاكىر بىلەن باھارگۈل ۋە شاۋكەت ئىسىملىك ئارتىستلار سىچۈئەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئۆزلىرىنىڭ ناخشىلىرى ئارقىلىق تەزىيىسى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىكەن.