خىتايدا سۈت پاراشوكى تۈپەيلى يەنە كېسەل پەيدا بولدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ " سەنلۇ " ماركىلىق سۈت پاراشوكىدىن بۇلغىنىش مەيدانغا كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، كىشىلەرنىڭ مەزكۈر سۈت پاراشوكىنى ئىشلەتمەسلىكى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى.

خىتاي مەركىزى ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، خېبېي شىجاجۇاڭ سەنلۇ گۇرۇھى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلىپ، 2008 ‏ - يىلى 8 ‏ - ئاينىڭ 6 ‏ - كۈنىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بىلەن بۇلغانغانلىقىنى شۇنىڭدەك بارلىق سۈت پاراشوكلىرىنى يىغىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈك يولىدا تاش يىغىلىپ قېلىش كېسەللىكى پەيدا بولغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆپلىگەن بوۋاقلارنىڭ " سەنلۇ " ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىكەن.

گەنسۇ ئۆلكىلىك سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىككى يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئۆلكە بۇيىچە بوۋاقلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 59 بالىنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋە بۇ تۈپەيلى بىر بالا قازا قىلغان.

بۇنىڭ بىلەن خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى مەزكۈر ھادىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرگە يوللىغان.

2004 ‏ - يىلى، خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلغان بوۋاقلارنىڭ باش قىسمى يوغىناپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 14 بوۋاق ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.