خىتاي سىرتىدىكى 300 دىن ئارتۇق خىتاي تىلىدىكى تاراتقۇ نېمە ئۈچۈن «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» كە كېلىشتى؟

0:00 / 0:00

يېقىندا «خەلقئارا خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇلىرى ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلات خىتاي سىرتىدىكى 300 دىن ئارتۇق خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلىكتە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» كە كېلىشكەن. بۇ خەۋەر، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىتايغا يانتاياق بولدى دەپ ئەيىبلىمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خەلقئارا خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇلار ئىتتىپاقى يەر شارى بويىچە خىتاي سىرتىدىكى 300 دىن ئارتۇق خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، بىرلىكتە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە كېلىشكەن». بۇ ئۇچۇر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مالايسىيالىق رەئىسى شۇ بىڭيىنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق بېرىلگەن. لېكىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ قانداق تەشكىلات ۋە كىملەردىن قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

يېقىندا، خەلقئارا خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇلىرى بىر ھەپتىلىك زىيارەت سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ زىيارەتكە خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى يېتەكچىلىك قىلغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان خىتاي مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسى مەسئۇل بولغان. يەتتە كۈنلۈك سەپەرگە مالايسىيا، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، تايلاند، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق 18 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 30 دىن ئارتۇق خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇسى ۋەكىللىرى قاتناشقان.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇلار زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن ۋە بەزى ۋەدىلەرنى بەرگەن: «شىنجاڭدا نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۆزگىرىشلىرى ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز قايتقاندىن كېيىن گۈزەل شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمىز».

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن «خەلقئارا خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇلىرى ئىتتىپاقى» يەر شارى بويىچە 300 دىن ئارتۇق خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ؟ بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ئۇلارغا نېمە تۈرتكە بولغان؟

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بىزگە مەلۇمكى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ توغرىدا بۇ بىر نەچچە يىل جەريانىدا بىزگە كەلگەن نۇرغۇن ھۆججەتلەر بار. خىتاي بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار دوستانە مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ساياھەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى بۇ كۈلكىلىك گەپلەرنى قىلغۇزۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ژۇرنالىستلارغا ئىشەنمەيدۇ. پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئىشىنىشنى خالايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن، مېنىڭچە خىتاي قىلغان بۇ تەشۋىقاتىدىن ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى ھەممە ئادەم ھەقىقەتنى بىلىدۇ».

قەشقەر كونا شەھەر (توققۇزاق) دىكى مىللىي چالغۇلار كەنتىدە زىيارەتچىلەر چالغۇ ياساش جەريانىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 21-ئىيۇل، قەشقەر
قەشقەر كونا شەھەر (توققۇزاق) دىكى مىللىي چالغۇلار كەنتىدە زىيارەتچىلەر چالغۇ ياساش جەريانىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 21-ئىيۇل، قەشقەر (ts.cn)

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خەلقئارا خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇلىرى ئىتتىپاقى يەر شارى بويىچە 300 دىن ئارتۇق خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇسى بىلەن ئىمزالىغان ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتى ھەققىدە كۆز قارشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندا بولۇۋاتقانلارنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن چەت ئەلدىكى ئورگان ۋە مۇخبىرلار بىلەن بۇ ھەمكارلىقنى ئورنىتىپ ئۇلارنى شەرقى تۈركىستانغا تەكلىپ قىلدى. بارغان مۇخبىرلار ئالغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىتايغا سادىق بولىدۇ. ھەقىقەتلەرنى سۆزلىمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلالمايدۇ».

بۇ 7 كۈنلۈك زىيارەتكە قاتناشقان ياپونىيە «دۇڭيىڭ يېڭى نەزىرى» نىڭ باش مۇھەررىرى مېڭ لىڭخۇا مۇنداق دېگەن: «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ شىنجاڭدا تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. زىيارەت جەريانىدا، دىنىي زاتلار ھەر خىل سوئاللارغا سەمىمىي ھەم ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا جاۋاب بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، توردىكى بەزى گەپ-سۆزلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن».

دوكتور رۇنى ستېنبېرگ ياپونىيە «دۇڭيىڭ يېڭى نەزىرى» نىڭ باش مۇھەررىرى مېڭ لىڭخۇانىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقى تۈركىستاندا دىننى ئەركىنلىك يوق. كۆپلىگەن مازارلار چېقىۋېتىلدى. خەلق ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ۋە قۇرئان ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن لاگېرلارغا سۇلاندى. ئەگەر ئەركىنلىك بولسا ۋە ھەممە ئىش نورمال بولسا نېمىشقا خىتاي شەرقى تۈركىستاننى ئېچىۋەتمەيدۇ؟ ماڭا ۋە باشقا چەت ئەللىك تەتقىقاتچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ؟».

مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى «خىتاي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن يېن ۋە ئامېرىكا «سىلىكون ۋادىسى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى يۈ لىنا يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغان شەخسلەر بولۇپ، بىز ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلغان بولساقمۇ ھازىرغىچە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب ئالالمىدۇق.

خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ئۇچۇر تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زو جىچياڭ مۇنداق دېگەن: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خىتاي تىل-يېزىقى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبى شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت قىلدى، شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان نۇرغۇن سۆزلەر ئەمەلىي زىيارەت جەريانىدا ئۆز-ئۆزىدىن بىتچىت بولدى. شىنجاڭ ياخشى جاي، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىغا گۇۋاھ بولۇپ، تۈرلۈك شەكىل ئارقىلىق سىرتقا ھەقىقىي شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ئىنتايىن ياخشى بولغان خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تەشۋىقات سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر شىنجاڭ ئوبرازىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز».

گوردون چاڭ زو جىچياڭنىڭ بۇ سۆزلىرىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ خىتاينىڭ بۇ تۈر تەشۋىقاتىنى توسقىلى بولمايدىغانلىقىنى، لېكىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خىتاي بولمىغان تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ پاكىتقا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقات تارقىتىشىنى توسالمايمىز. بىز خىتاي ئاچقان بۇ تەشۋىقات ئۇرۇشنى توختىتالمايمىز. ئەمما بىز دۇنيا خەلقىگە پاكىتنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرالايمىز. بىزدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خىتاي بولمىغان تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارىشى ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ھۆججەتلىك ئىسپاتلار بار. بىز پەقەت كىشىلەرنىڭ پاكىتقا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك».

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئۇچۇر مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپ خىل ئالدامچىلىق ۋە مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرىنى قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئۇچۇر كونترول قىلىش ۋە خاتا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى.