ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكى نۆۋەتتە بارغانسېرى قوش خاراكتېرگە ئىگە بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەم دىنىي كىملىكى بىردەك ھۇجۇم نىشانلىرى بولۇپ كەلمەكتە.
مۇشۇ خىلدىكى دىنىي زىيانكەشلىككە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكادىكى جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېركېلېي مەركىزى ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس تور مۇزاكىرىسى ئۇيۇشتۇردى. بۇ مۇزاكىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تونۇشلۇقى بولغان ئامېرىكادىكى ھەر ساھەگە خاس مۇتەخەسسىسلەردىن ئون كىشى ئىشتىراك قىلىپ، مەسىلىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قاراپ چىقتى.
شۇلاردىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار مەلۇم بولۇۋاتقان ئەھۋالدا تېخىمۇ قاتتىقراق تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە شەرھلىدى. ساراھنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېردا ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋاتقاندا بۇ مەسىلىنى داۋاملىق كەينىگە سوزۇشنىڭ تېخىمۇ زور باستۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىندى.
ساراھ كۇك خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئومۇمى جەھەتتىن كۆزىتىش ئاساسىدا نۆۋەتتىكى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنى «خىتاي كومپارتىيەسى دىنلارنى ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئارقىلىق باشقۇرۇپ كەلگەن ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن ئېشىپ كەتتى،» دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، ھازىرقى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنىڭ بۇنداق زور كۆلەمگە ئىگە بولۇشى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى بىلدۈردى.
«بۇنىڭدا مۇنداق بىر نەچچە ئامىل مەۋجۇت. مەن بۇ توغرىلىق ماقالەمدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن. بىرىنچىدىن، شى جىنپىڭ دەۋرىدە بىز كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە، پۇقراۋىي جەمئىيەتكە، ئىنتېرنېتقا، قىسقىسى خىتايدىكى بارلىق پۇقراۋىي پائالىيەتلەرگە بولغان كونتروللۇق ۋە چەكلىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ھال ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىمۇ مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقىدەك يۇقىرى سەۋىيىدە ئەمەس ئىدى. بۇ ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىمۇ ئوخشاش كۆلەم ۋە سەۋىيىدە ئومۇملاشتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى چېكىنىشنىڭ بىر زور مىسالى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ھاكىممۇتلەقلىق ۋە دىكتاتورىلىققا يۈزلەندى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بىز ھازىر دىنىي ئېتىقاد ساھەسىنىڭمۇ ھېچقانداق زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭغا قارايدىغان بولساق چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ قوماندانلىقىدا ھازىرقى دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەر بولسا تىبەتتە ۋە باشقا جايلاردا دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنى كۆپ قېتىملاپ سىناقتىن ئۆتكۈزگەن ھەمدە بۇنىڭدا يېتەرلىك ‹تەجرىبە› توپلىغان كىشىلەردۇر. ئۈچىنچىدىن، ھازىرقى مەۋجۇت يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى بولسا بۇ خىل زۇلۇملارنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە داغدام يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا شۇكى، ھازىر مۇشۇ خىل زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلارنى قانچە چوڭقۇر ۋە كەڭ مىقياستا ئىجرا قىلالىغان كىشىلەر شۇنچە كۆپ مۇكاپاتلىنىپ ئەمەللىرى ئۆسۈۋاتىدۇ. مەسىلەن، چېن چۈەنگو خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا ئۆستى. بۇ بولسا دىنىي ساھەدىكى زۇلۇمنى ئاشۇرۇشتا باشقىلارغا تېخىمۇ زور ئىلھام بېرىۋاتىدۇ.»
نۆۋەتتە مۇئەييەن ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلمىشلىرى توغرىسىدا سۆز بولغاندا ھەرقاچان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونى ئەيىبلەيدىغان بولۇپ، لاگېرلار مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا قەبىھلىكلەرنى «چېن چۈەنگونىڭ ئىجادىيىتى» دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ساراھ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدە مۇشۇ ئەھۋاللار توغرىلىق سۆز بولدى. ئەمما ساراھنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىشلارنى چېن چۈەنگوغىلا باغلاپ قويۇش توغرا ئەمەس. ئەكسىچە چېن چۈەنگو ئىزچىل تۈردە بېيجىڭدىكى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ پەقەت بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى بىر پېچكا، خالاس.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بىز كۆرۈۋاتىمىز. نېمىشقا دېگەندە بىز يېقىندا ئاشكارا بولغان بىر قىسىم ھۆججەتلەردىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالىمىزكى، شى جىنپىڭ يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارغا مەركەزدىن بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتىدە قىلچىمۇ رەھىمدىللىق قىلماسلىقنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق، ھازىرقى ئاخبارات ساھەسىگە شۇنچە ئېنىق بولۇۋاتقان شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىدىن شى جىنپىڭنىڭ خەۋىرى يوق، دېسە ھېچكىم بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. لاگېرلار قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا شۇنداق گەپلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسا بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. ئەمما قارايدىغان بولساق 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېرلارنى ھەغدادىغا يەتكۈزگەن چېن چۈەنگو ئۆكتەبىر ئېيىدا بېيجىڭدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىك گۇرۇھىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىندى. شۈبھىسىزكى، بۇ قارارنى شى جىنپىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قويۇپ قارار قىلغان. دېمەك، ئۇلار بىر ئادەمنى مۇنداق مۇھىم گۇرۇھقا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشتا ئۇقۇشماستىن ئىش قىلغىنى يوق. ئەكسىچە، بۇ چېن چۈەنگونىڭ باستۇرۇش قىلمىشىنى مۇكاپاتلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشلاردىن شى جىنپىڭنىڭ خەۋىرى يوق، دېگەن پىكىرنى كەسكىن رەت قىلىدۇ.»
ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەر توغرىسىدا ئىسلام دۇنياسى ۋە قوشنا رايونلار ھاكىمىيەتلىرى سۈكۈت قىلىۋاتقاندا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بۇنى ئىزچىل كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ساراھنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى «تەنقىدلەش» باسقۇچىدا توختاپ قېلىشىنى يېتەرلىك، دەپ قاراشقا بولمايدىكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە تەنقىدلەشتىن ھالقىشى ھەمدە زۆرۈر بولغان كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇنىڭدا بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش چېن چۇئەنگو ۋە ئۇنىڭ ھەقەمسايىلىرىگە ‹يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى› ۋە باشقا جازالاش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىپ جازا بېرىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەمدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇشۇ خىل قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتقان شەخسلەرگىمۇ مۇشۇ خىلدا جازا بېرىش لازىم. نېمىشقا دېگەندە ئاشۇ خىلدىكى باستۇرۇشقا ھەمدەم بولۇۋاتقان شەخسلەرنى مۇشۇنداق ئايرىپ چىققاندا بۇ خىل جازالاشنىڭ ھەقلىق ۋە يوللۇق ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دەرىجىسى ئۇلاردىن يۇقىرى بولغان مەركەزدىكى ئەمەلدارلارغا، شۇنىڭدەك تۆۋەن قاتلامدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاتارمەن-چاپارمەنلەرگە ئېنىق بولغان ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىلى بولىدۇ. ئاندىن نېمە بولىدۇ، دېسىڭىز خىتاي كومپارتىيەسى ئۆستۈرگەن بۇ ئەمەلدارلار ھېچ بولمىغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەل-مەنسەپ مۇساپىسىدە توپلىغان بايلىقلىرىنى چەتئەلگە يۆتكەپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چېن چۇئەنگو دەرھاللا لاگېرلارنى تاقىۋېتىشى ناتايىن. ئەمما ھېچبولمىغاندا دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ بولسا باشقا ئەمەلدارلارغىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە بېسىم بولىدۇ.»
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە مايكىل رايان، مەمەت توختى، تىم گروس قاتارلىق شەخسلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ مۇزاكىرىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكى كۆپ قاتلام ۋە كۆپ تەرەپلىمە بويىچە قاراپ چىقىلدى. شۇنداقلا بۇلار ئايرىم-ئايرىم ماقالە شەكلىدە بېسىلىپ تېخىمۇ كۆپ ساھەنى بۇ جەھەتتە يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلدى.
0:00 / 0:00