ئامېرىكادىكى بىرقەدەر چوڭ ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان جورجى مەيسون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئەلى ۋۇرال ئاك ئىسلام تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 4-ئاپرېل كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جونسون مەركىزىدە «خىتايدىكى ئىسلام دىنى» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن كەلگەن بىر قىسىم ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېچىلدى. يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى بۆلىكى «خەلقلەر، تېكىستلەر ۋە سادالار» تېمىسىدا بولۇپ، بۇنىڭدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇقامى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم قەشقەر، يەركەن قاتارلىق جايلاردا ئەمەلىي تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان ئەلىس ئاندېرسوننىڭ ئىلمىي ماقالىسى بولدى.
«ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەبرىكتىن سۈكۈتكىچە: مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ‹تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى› دىكى ۋەيرانچىلىقلار» تېمىسىدىكى نۇتقىدا ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى ئەلىس ئاندېرسون نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەمدە ئۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆز باشلاشتىن ئاۋۋال ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدىكى قىسقا سىن فىلىمىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئومۇمىي تەسۋىرىنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىغا قايسى دەرىجىدە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى. جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە ئۆزىگە بىر ئۇيغۇرنىڭ «سىز دىننى چۈشەنمىگۈچە مۇقاملارنى چۈشىنەلمەيسىز» دېگەنلىكىنى، بۇ يەردىكى «دىن» ئاتالغۇسىنىڭ ئېنىقلا ئىسلام دىنىغا قارىتىلغانلىقىنى، ئىسلام دىنى بىلەن ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئوتتۇرىسىدىكى چەمبەرچاس مۇناسىۋەتنىڭ كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرگە سەۋەب بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئەلىس شۇ قاتاردا غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ بۇ ساھەدىكى ئەمگەكلىرى قاتارىدا نېيسېن لايتنىڭ «سىرداش مىراسلار: ئۇيغۇر مۇقام غەزەللىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى»، رەيچېل خاررىسنىڭ «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى مۇزىكا قانۇنىنىڭ ھاسىل بولۇشى: ئۇيغۇر 12 مۇقامى» قاتارلىق كىتابلىرىنى تونۇشتۇرغاچ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئاللىقاچان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئەڭ تىپىك سىمۋوللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇقاملار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا بەكمۇ مۇھىم ئورۇن ئىگىلىگەنلىكى ئۈچۈن 1950-يىللاردا خىتاي دائىرىلىرى نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۈرۈمچىدە مۇقام ئانسامبىلى قۇرغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن خىزمەتلەر ئىشلەنگەن. ھالبۇكى، ئۇ ئاخىرقى قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭ پۈتۈنلەي خەلقنىڭ ھاياتىدىن سىقىپ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرگەن. مۇقاملارنىڭ كىشى قەلبىنى ئېرىتىۋېتىدىغان جەزىبىلىك سادالىرى ئىسلام دىنىغا قارشى «خەلق ئۇرۇشى» دا تەدرىجىي كۆزدىن غايىب بولۇشقا يۈز تۇتقان.
يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا بىز ئەلىس ئاندېرسون بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەشتۇق. سۆھبەت جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەمدە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلىكىدە يېتىلىۋاتقان ياش ئۇيغۇرشۇناس، مونتانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسسورى ئېرىك شلۇسېل نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر تارىخچىسى مۇللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق ئەسىرى ھەمدە ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئەسەرنى ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتى توغرىلىق مەلۇماتلار بەردى. شۇنداقلا موللا مۇسا سايرامىنىڭ 19-ئەسىردىكى بىر ئۇيغۇر تارىخشۇناسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن شۇ زاماندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى شۇنداقلا مەزكۇر ئەسەردە كۆپ قېتىملاپ تەكرارلىنىدىغان «ئىسلام ئېچىش» ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇ زاماننىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلىش مۇمكىنلىكىنى قىسقىچە شەرھلەپ ئۆتتى.
يىغىن ئارىلىقىدا بىز ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولغاندا 19-ئەسىردىكى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام دىنىغا تۇتقان سىياسىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەمدە ئىسلام دىنىغا تۇتقان سىياسىتىنى قانداق سېلىشتۇرۇش مۇمكىنلىكى ھەققىدە سۆزلەشتۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى.
«سىياسەتلەر توغرىلىق سۆز بولغاندا مەن مۇللا مۇسا سايرامىنىڭ تەسۋىرىدىن بىر مىسال كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. سايرامى ئۆز ئەسىرىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى ھۆكۈمرانلىقى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى سېلىشتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ ئەسەرنى بىر ئەسىر ئالمىشىۋاتقان پەيتتە يېزىپ چىققان. ئۇ ياشىغان دەۋر دەل ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۈرك-ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى خىتاي كىملىكى، يەنى كوڭزىچە شەكىلگە ئايلاندۇرۇشى ئوتتۇرىغا چىققان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسىرىدە بۇ مەسىلىگە بولغان بەزى قاراشلىرى ئەكس ئەتكەن. بۇ سىياسەت توغرىلىق سۆز بولغاندا ئۇ مانجۇلارنىڭ ياخشى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ ئىشلارغا، جۈملىدىن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ داۋام ئېتىشىگە يول قويغانلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، زو زوڭتاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشگۈچىلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ خىلدىكى سىياسەتلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇ ھال تەبىئىي ھالدا بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى يادىمىزغا سالىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يەردىكى بىر پەرق شۇ يەردىكى، ئەينى ۋاقىتتا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى ھەممىلا جاينى قاپلىمىغان، نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىر زور قۇرۇلۇش بولمىغان. چۈنكى خىتاي دۆلىتى ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق بىر ھادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك قۇدرەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئەمما ھازىر بۇ ئەھۋال ئۆزگەردى. خىتاي دۆلىتى ھازىر زورىيىپ ھەممىلا جايغا قولى يېتىدىغان بولۇپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرلارغا كوڭزىچە ئۇدۇمنى تېڭىپ ئۇلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى باشقا بىر تىلغا ئايلاندۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئۇيغۇرلارنى تەقىپكە ئېلىپ، ئۇلارنى نازارەتكە مەھكۇم قىلدى. ھالبۇكى، بۇ ئىشلارنى بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى ئۇ ۋاقىتلاردا قىلغىلى بولمايتتى.»
بۇ قېتىمقى يىغىندا ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدىكى تارىخىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. يىغىنغا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.
0:00 / 0:00