دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يىللاردىن بۇيان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىدىن بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى» ھەر يىلى دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى باھالاپ، يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر كومىتېتنىڭ 2021-يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 21-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە ھەرقايسى ساھەگە بۇ يىللىق دوكلات ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلدى.
كومىتېت رەئىسى گايل مانچىن خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، بۇ قېتىمقى دوكلات ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ياخشىلىنىش ياكى چېكىنىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىلقى دوكلاتمۇ ئەنە شۇ تەرىقىدىكى ئەستايىدىل كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئىسپاتلاشتىن ئۆتكەن ماتېرىياللار ئاساسىدا تەييارلىنىپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن كرىس كۇنس ۋە توم تىللىسمۇ ۋىدىيو ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. بولۇپمۇ كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم تىللىس ئەپەندى بۇ يىلقى دوكلاتقا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭدا دۇنيا مىقياسىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى، يەنە كېلىپ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى مۇھىم ئاساسلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «نۆۋەتتە مىليونلارچە ئۇيغۇر دەل مۇشۇ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك لاگېرلارغا قامىلىپ ئازاب چەكمەكتە. بۇ ھال روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ» دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن كومىتېت رەئىسى مانچىن خانىم 2021-يىللىق دوكلاتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، ئۇنىڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قوغدىلىشى ۋە دەپسەندە بولۇشىغا دائىر باھالاش بويىچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانداق تۈرلەرگە ئايرىلىپ چىققانلىقى، شۇنىڭدەك بايدىن ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىلەر بويىچە بىر قاتار يېڭى تەكلىپلەرنىڭ سۇنۇلغانلىقى دېگەنلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
شۇ قاتاردا مۇئاۋىن كومىتېت رەئىسى تونىي پېركېنس ئەپەندىمۇ ئالاھىدە سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئۆتكەن بىر يىلدا بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدە ياخشىلىنىش بارلىققا كەلگەن بولسا يەنە بىرقىسىم دۆلەتلەردە بۇنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ ماڭغانلىقىنى، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش شوئارىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىشىدەك زور پاجىئەنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي كوزىردىن پايدىلىنىپ بۇ خىل كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى چېگرا ھالقىغان دائىرىدە ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل رېئاللىق ھەققىدە بايدىن ھۆكۈمىتىگە بىر قاتار يېڭى تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. .
بۇ جەرياندا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ بۇ يېڭى دوكلات ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى، شۇنىڭدەك دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى پۇقرالارنى باستۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىۋالغان دىكتاتورا ئەللەرگە قارىتا تېگىشلىك ئېمبارگو تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىش، دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەتكە ماكانلىشىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى تېزلىتىپ بېجىرىش لازىملىقىنى بىلدۈردى. يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكى «سوئال-جاۋاب» قىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا يىغىنغا قاتناشقان ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى. شۇ قاتاردا كومىتېت ئەزالىرىدىن گەري باۋر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچىلىق قىلىشتا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قايسى دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بىز جەزمەن دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇ خىلدىكى زۇلۇمغا جاۋابكار دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇشىمىز ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىمىز لازىم» دېدى. .
كومىتېت ئەزالىرىدىن نۇرىي تۈركەل «نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى بۇ خىل دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىگە قارشى نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئەرزىمەس ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاللىقاچان مۇنتىزىم تۈس ئېلىپ بولغان بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى تەتبىقلاش لازىملىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ھازىر رەسمىي ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بازار تاپقان «خىتاي قۇدرەت تاپسا دېموكراتىيەگە ماڭىدۇ» دەيدىغان خاتا قاراشنىڭ ساۋاقلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشى لازىملىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ تەكىتلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە مۇئەييەن رول ئوينىشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن.