«ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ كۈچەيگەن

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ 21-نويابىر ئېلان قىلغان «ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار خىتاينى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلاش بىلەن ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىدىن بۇيان نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى 13 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغان. چېقىلغان مەسچىتلەر بۇ رايوندىكى مەسچىتلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىكەن. قالغان مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەزلىرى ئېلىۋېتىلگەن، مۇنارلىرى چېقىۋېتىلگەن ۋە ئىبادەتخانىلىرى بۇزۇۋېتىلگەن. بەزى مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەزلىرى ئورنىغا خىتايچە ئۇسلۇبتىكى راۋاقلار ئورنىتىلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتى ۋە ب ب ك نىڭ ئۇچۇرلىرىنى مەنبە قىلغان بۇ خەۋەردە، دىنسىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ دەسلەپتە ئۇيغۇرلار رايونىدىن باشلانغانلىقى، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى قىيىن-قىستاققا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە دۇچار بولغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلى «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» دەيدىغان بىر ھۆججەتنى چىقارغان. بۇ ھۆججەتنىڭ روھىغا بىنائەن، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن «مەسچىتلەرنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ چېقىش، ئاز قۇرۇش، بۇ خىلدىكى قۇرۇلمىلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا تىرىشىش» تەلەپ قىلىنغان ھەمدە «مەسچىتلەرنىڭ لايىھىلىنىشى، قۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى چوقۇم قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىش» بۇيرۇلغان.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2018-يىلى يولغا قويغان «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاللىقاچان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» شەكلىدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، قۇرئانلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئاسارە-ئەتىقەلەرنىڭ ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىسلامغا قارشى بۇ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇۋاتقان چاغلىرىدا، ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ دوستى، ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلغۇچى دۆلەت» قىلىپ كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى، خىتاينىڭ بارلىق دىنلارغا قارشى ھەرىكەت قوزغاۋاتقانلىقىنى، بۇنى پۈتۈن دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. گېرمانىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتىن ئىسلامغا قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، مۇسۇلمانلارنى باستۇرسا، تاشقى جەھەتتە مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئالداشتەك ئىككى يۈزلىمە سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار خىتاينى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلاش بىلەن ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەردە يەنە، 1 مىليارد 400 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دىنغا يول قويىدىغان بەلگىلىمىلەر بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سىياسەتنىڭ ئەكسىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىمۇ مىساللىرى بىلەن بايان قىلىنغان.