خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى كونتروللۇق ۋە دەپسەندىچىلىك قىلمىشى يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ بۇنىڭدىكى قوش قاتلاملىق يېڭىچە زۇلۇم شەكلى نۆۋەتتە ھەرقايسى ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم تېمىلاردىن بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسى بىر قوللۇق رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش بىلەن بىرگە دىنىي جامائەتنى باستۇرۇشى، تاشقى جەھەتتە بولسا بۇ خىلدىكى دىنىي ساھەنى كونترول قىلىش خاھىشىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئوخشاش غەرب دۆلەتلىرىگە كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشى بۇنىڭدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىك بولۇپ قېلىشقا يۈزلەندى. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى (USCIRF) 14-دېكابىر كۈنى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو ئەپەندىنىڭ يىغىن ئەھلىگە يوللىغان ۋىدىيولۇق سۆزى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى زىيانكەشلىكىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىتتىلا باشلانغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە بۇ ھالنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى، بۇ خىل زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنىڭ ھازىر ئامېرىكا تەۋەسىگىمۇ يېيىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ ئاخىرىدا «بۇ ھال ئامېرىكا ئۈچۈن بىر زور تەھدىت. بىز بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ بۇ خىل زۇلۇمنى چەكلىشىمىز لازىم» دەپ كۆرسەتتى. .
ئارقىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل سۆز ئالدى. . ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر دۇنيا مىقياسىدا زۇلۇم ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىدا ئەڭ ئۇچىغا چىققان ھاكىمىيەت بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن «24-نويابىر ئوت ئاپىتى» نىڭ دەل مۇشۇ خىل زالىملارچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ بىر ئاددىي مىسالى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىدە ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قانداق سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئەڭ زور قۇربان بەرگۈچىلەردىن بولۇپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى جازالاش» قىلمىشى تۈپەيلىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ خىل زىيانكەشلىكنىڭ ۋاسىتىلىك قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا سىياسىتى ھەققىدىكى قانۇن ماددىلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابراخام كۇپېر (Abraham Cooper) مۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. . ئۇ خىتاينىڭ ھازىر دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرى ھەمدە بۇنىڭ چەتئەللەرگە كېڭىيىشىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ ھالنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يېگانە خىرىس بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا تەۋەسىدىكى سودا ساھەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان مۇشۇ خىل دىنىي ئېتىقادنى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا شېرىك بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى ھازىرقى مۇھىم چارىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئابراخام كۇپېر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەزمەن بۇ خىل دۆلەت ھالقىغان زۇلۇم ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى مەغلۇپ قىلىش چارىلىرىنى ئىشقا سېلىش بىلەن بىرگە خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى، شۇ ئارقىلىق خىتايغا تېخىمۇ كۆپ جازا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بېسىم پەيدا قىلىشى لازىم ئىكەن. .
كومىتېت ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف (Frank Wolf) ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. . ئۇ خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ساھەسىگە زىيانكەشلىك قىلىشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىنىڭ خوڭكوڭدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «يۈكسەك ئاپتونومىيە» بېرىلگەن خوڭكوڭدا بارلىق ۋەدىلىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلىسا، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارىلىق ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بۇنىڭدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق پاكىتلار ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان يېرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئىنسانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى «خىكۋىژىن» (Hikvision) غا ئوخشاش شىركەتلەر ئۈچۈن چاپان كۆتۈرۈشى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ شىركەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچيۇ (Yaqiu Wang) بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. . ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكى مۇنداق ئىككى ساھەدە ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە ئىكەن. بىرى، شى جىنپىڭنىڭ «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى بويىچە 2016-يىلىدىن بۇيان بارلىق دىنلار ئۆز شەكلىنى ئۆزگەرتىپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىئولوگىيەسى بىلەن بىر قېلىپقا چۈشۈرۈلۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن دىنلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە ھەمدە شى جىنپىڭغا سادىق بولۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. يەنە بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسىدىن قولغا كەلتۈرگەن يۇغۇرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بۇ خىل زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە چىقىرىشقا باشلىغان. بۇنىڭدا غەرب دۇنياسىنىڭ ۋاسىتىلىك ياردىمى، جۈملىدىن ۋاتىكاننىڭ خرىستىئان مۇرىتلىرى ھەققىدىكى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش كۆرۈش ئەندىزىسى» مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى مىليونلاپ لاگېرغا قاماشتىمۇ دەل مۇشۇ چەتئەل شىركەتلىرى، جۈملىدىن «سېرمو فىشىر» (Thermo Fisher) غا ئوخشاش دۇنياۋى شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى توپلاش خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. ئۈندىدار بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور كۆلەمدە ئاپتوماتىك تۇتقۇن قىلىنىشىغا بىۋاسىتە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن. شۇڭا بۇخىل يۈزلىنىشنىڭ كەلگۈسىدە داۋام قىلىشىنى چەكلەش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم چارىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. .
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا داۋا ئىشلىرى دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋ (Louisa Greve) خانىممۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. . ئۇ ھەممىگە مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىر قاتار جازا تەدبىرلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىجابىي رول ئويناشقا باشلىغانلىقىنى ئالقىشلاش بىلەن بىرگە بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ سابىق خادىملىرىغا جازا ئېلان قىلىشىنىڭ ئۆزى ئامېرىكا قانۇن سىستېمىسىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىرىسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە بۇ خىلدىكى زۇلۇملارنى چەتئەللەرگىچە كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشى ھازىر بارغانسېرى ئومۇمىي تۈس ئېلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى مىڭلاپ خىتاي ئاققۇنلىرىغا تويلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ بۇ ھال ھازىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا تېخى بۇ خىلدىكى دۆلەت ئارقا تىرەك بولۇپ ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ب د ت سىستېمىسىدا خىتاينى ئەيىبلەشكە يېتىپ ئاشىدىغان پاكىتلار بولۇپ قالغان. ھازىر بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئۆلىمالارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، چەتئەللەردە دىنىي ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلۇپ لاگېر ۋە تۈرمىگە قامىلىشى، ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ۋەتەنداشلىق ئېلىپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ دۆلەت تېرورلۇقىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىشى بۇنىڭغا يېڭى مىساللار بولۇپ قوشۇلغان. .
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى بۇچۇڭ سېرىڭ (Bhuchung K. Tsering)، «خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بوب فۇ (Bob Fu)، «مىراس» فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى زاك سىمىت (Zack Smith) قاتارلىقلارمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن پىكىر قىلىپ تىبەتلەر ۋە باشقا دىنىي جامائەتنىڭ قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلىشقا تېگىشلىك قانداق خىزمەتلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى شاھىتلار ئۆزلىرى ئىگىلىگەن پاكىتلار ئاساسىدا بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ساھەنىڭ قۇدرىتىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىرگە بۇ قۇدرەتنى ئۆز پايدىسىغا قانداق تەدبىقلاۋاتقانلىقى، «تىك-توك» نى مەنئى قىلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن زۆرۈرلۈكى قاتارلىق سوئاللار بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. شۇنىڭدەك مۇشۇ ئاساستا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللىنىدىغان بىر قاتار تەۋسىيەلەرنى تۈزۈپ چىقىش قارار قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەت ماددىلىرىنى بېكىتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان خىزمەت ھالقىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ساھەدىكى تەۋسىيەلەر ھەرقاچان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.