خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كېۋەزلىك كۆلىمى زور مىقداردا قىسقىراپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كېڭەيگەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق، دەپ قارالغان، شۇنداقلا خەلقئارالىق بايقۇت ۋە چەكلەشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ پاختىسى» مەھسۇلاتلىرى، 2022-يىلى خىتاي ئومۇمىي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 90.2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى رايوندا بەش مىليون 391 مىڭ توننا پاختا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شۇ يىللىق ئومۇمىي كېۋەزلىك كۆلىمى 37 مىليون 454 مىڭ موغا يېتىپ بارغان. بۇ، شۇ يىلقى خىتاي ئومۇمىي كېۋەزلىك كۆلىمىنىڭ 83.2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.

بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شۇ يىللىق ئومۇمىي كېۋەزلىك كۆلىمى 2021-يىلىدىكىدىن 139 مىڭ مو ئارتقان ئىدى. لېكىن بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كېۋەزلىك كۆلىمى ئۆتكەن يىلقىدىن زور دەرىجىدە قىسقىراپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئېتىزلىق كۆلىمى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ تەرەققىيات خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈلسىمۇ، لېكىن بەزى تاراتقۇلار بۇ يىل دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان خىتاينىڭ كېۋەزلىك كۆلىمى «بېيجىڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسەبىيلىك بىلەن تەرغىب قىلىشى» ، شۇنداقلا خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتى ئامېرىكا باشچىلىقىدا بايقۇت ۋە چەكلەشكە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 29-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل ۋەزىيەتتە بېيجىڭ خىتاي پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل ئاشلىق تېرىلغۇسىغا تېخىمۇ كۆپ يەر ئاجراتماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا چاقىرىلغان يېزا خىزمەت يىغىنىدا، دائىرىلەر بۇ يىل رايوندا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قوشۇمچە 4 مىليون 800 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر سەپلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى ۋاقىتتا دائىرىلەر بۇنچىلىك كۆپ تېرىلغۇ يەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانداق ئەھيا قىلىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن ئىدى.

لېكىن «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ تېرىلغۇ يەرنىڭ زور قىسمى كېۋەزلىكلەردىن ئۆزگەرتىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە دائىرىلەر رايوندىكى دېھقانلارنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە ئىكەن. خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ سىمۋۇلىغا ئايلىنىپ قالغان «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ بۇ يىل تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئايدا مەزكۇر رايوندىكى پاختىكارلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشنى توختاتقاندىن كېيىن، شۇنداقلا رايوننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى بۇ يىللىق تېرىلغۇ پەسلىدە قۇم-بوران، سوغۇق ۋە قاتتىق يامغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يامان ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر ۋاقىتتا ئازايغانلىقىمۇ مەلۇم.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەتقىقاتچىسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ 29-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنى كېڭەيتىشى، خىتاينىڭ «ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ خەلقئارالىق گېئو-سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. قەھرىمان غوجامبەردى يەنە بۇ سىياسەتتە ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» غا قويغان جازاسىنىڭ كۈچىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، رايوندىكى پاختىزارلىقلارنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن ھەم تېخىمۇ يۈرۈشلەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ دېھقانلارنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» ، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى پاختىزارلىق ۋە توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرغان. لېكىن خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ياكى رايوندا ئىشلەپچىقارغان بەزى مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشىنى ياكى ئۇنىڭغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ يەنە ياۋروپادىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ياكى رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان باشقا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەن داڭلىق شىركەتلەر ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشىغا ئېلىپ بارغان. زارا، ئادىداس، نايكى، يۇنىكلو، سكەچېر قاتارلىق داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرى، گېرمانىيەنىڭ بېنز-مېرسىدىس، ۋولكىسۋاگېن، BMW قاتارلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ئۈستىدىن سوتقا ياكى مەمۇرىي دائىرىلەرگە ئەرز سۇنۇلغان ئىدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېڭ فېڭتيەن، ئاشلىقتا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش، بېيجىڭنىڭ نەزەرىدە «دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا پاختا تېرىشنى مەقسەتلىك شىنجاڭغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى، لېكىن غەربنىڭ ئېمبارگوسىدىن كېيىن بۇنى قايتا ئويلىشىش كېرەك بولۇپ قالغانلىقى» نى ئېيتقان.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىدىن كېيىن خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ئېكسپورتى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىدى دېيىش، بىمەنىلىك بولۇپ قالىدىكەن.» ئۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا پاختا تېرىيدىغان رايونلارنى كۆپ خىللاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

لېكىن قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بولغان دېھقانچىلىق ئىگىلىكى، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ، بۇ رايوندا مەيلى كېۋەزلىك كۆلىمىنىڭ ئازىيىشى بولسۇن ياكى تارايتىشى ۋە ياكى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى بولسۇن، بۇ يەنىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ يىل 5-ئايدىكى بىر خەۋىرىدە، بۇ يىل خىتاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئازىيىشى مۇمكىنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، خىتاي توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ بۇ يىل پاختا ئىشلەپچىقىرىشى 15 پىرسەنت ئەتراپىدا ئازىيىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خىتاي پاختا بازىرىنى نازارەت قىلىش تارماقلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتايدا بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر، جەمئىي 41 مىليون 400 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلغان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلقىدىن 10.3 پىرسەنت ئازايغان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كېۋەزلىكلەرنىڭ كۆلىمى يەنىلا بۇنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئومۇمىي كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ئازايسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇشتەك رېئاللىقنى يەنىلا ئ‍ۆزگەرتمەيدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ «ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىتاينىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يېزا خىزمەت يىغىنىدا، «ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەشتە شىنجاڭنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش» تەلەپ قىلىنغان. شۇ قېتىملىق يىغىندا، 37 مىليون مو كېۋەزلىك كۆلىمى ۋە پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 5 مىليون توننادىن ئارتۇق بولۇشىدەك ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇقىملاش تەكىتلەنگەن ئىدى.