خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى: «يۇقۇم مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئىلىدا مەلۇمات ئىگىلەش تېخىمۇ قىيىنلاشتى»

0:00 / 0:00

خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى ئۆتكەن بىر يىل مەزگىلىدە خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىزمەت شارائىتىنىڭ قاتتىق ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ ئۇلار دوكلاتىدا چەتئەل ئاخباراتلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىشىنىڭ ھەسسىلەپ قىيىنلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2020-يىلى ئىچىدە خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئىلگىرىلەپ چەكلەنگەن، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا قارىتىلغان زورلۇق-زومبۇلۇق كۈچەيگەن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋىزىنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ياخشى كۆرمەيدىغان تېمىلاردا خەۋەر ئىشلىگەن چەتئەل ئاخباراتچىلىرىنى ئەدەبلەشنى كۈچەيتكەن.

بولۇپمۇ مۇخبىرلارنىڭ مەلۇمات ئىگىلىشى ئەڭ قېيىن رايون ئۇيغۇر ئېلى بولغانلىقتىن ئۇلار دوكلاتتا «شىنجاڭدىن مەلۇمات ئىگىلەش» تېمىسىدا ئايرىم توختالغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «مۇخبىرلارغا قارىتىلغان زورلۇق-زومبۇلۇق شىنجاڭدا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇلار رايوندا ساقچىلار ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئوچۇق-ئاشكارا تەقىبگە ئېلىنغان، رەسىم ۋە ۋىدىيولىرى ئۆچۈرۈلگەن، يەرلىكتىكى كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشى چەكلەنگەن. 2020-يىلى ئىچىدە شىنجاڭغا بارغان 12 مۇخبىرنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەقىب قىلىش، رەسىم-ۋىدىيولىرى ئۆچۈرۈلۈش، زىيارەت رۇخسىتى تەلەپ قىلىشتەك ئەھۋاللارغا ئۇچرىغان بولسا، يەنە بەزى مۇخبىرلارنىڭ خىزمەت جەريانى باشتىن-ئاخىر نازارەت قىلىنغان، بەزىلىرى ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى ياكى زىيارەت قىلىنغان كىشىلەردىن ئۆچ ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن.

يۇقىرىدىكى بۇ دوكلات دەل نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن ب ب س ۋە س ن ن تېلېۋىزىيەلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلۇش مەسىلىسى توغرۇلۇق خەۋەر ئىشلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەدەپ بۇ ئاخباراتلارنى «يامان غەرەز بىلەن يالغان خەۋەر تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. تېخى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى، خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋېكتور گاۋ ب ب س مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قاتتىق چىچاڭلاپ، لاگېرلارنى ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچرىغان خورلۇقنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلغان ئىدى. ب ب س مۇخبىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ بېرىشى چەكلەنگەن يەرلىكىنى دېگىنىدە ۋېكتور گاۋ يەنە دىپلوماتىيەگە ماس كەلمەيدىغان ئۇسلۇبتا ۋارقىراپ-جارقىراپ تۇرۇپ «شىنجاڭ دىپلوماتلارغا ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئوچۇق. شۇنداقلا ھەقىقەتنى يازىدىغان، ئوبيېكتىپ خەۋەر يازىدىغان مۇخبىرلارغا ھەر ۋاقىت ئوچۇق، شىنجاڭ ئالدىن ھۆكۈم قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى قارىلاش ئۈچۈن خەۋەر يازىدىغان يامان نىيەتلىك مۇخبىرلارغا ئوچۇق ئەمەس» دېدى.

خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار بايانچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭمۇ ئىلگىرى ب ب س'نىڭ خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇرغاندا ئوخشاشلا «ئوبيېكتىپ ئاخباراتچىلارنى» قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. ئۇ ھەم چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ دوكلاتىنىمۇ «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغان.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئوبيېكتىپ مۇخبىرلار دېگەن سۆزىگە جاۋاب قايتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز خىتاينىڭ ئوبيېكتىپ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبيېكتىپ دېگىنى خىتاينى ماختاپ، داۋاملىق ياخشى تەرەپلىرىنى يازىدىغان مۇخبىرلار دېگىنى. بولۇپمۇ كورونا ۋىرۇس يۇقۇمى، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسى ۋە شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە ھەتتا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە خەلقئارانىڭ قىزىقىشى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتايدا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك چەكلىمىگە ئۇچرىشى ياخشى ئەھۋال ئەمەس»

خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى ئاخباراتنى چەكلەشتىكى باھانە قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ مەلۇمات ئىگىلىشى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن مەلۇمات ئىگىلىشىنى زور دەرىجىدە قىيىنلاشتۇرغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:

«كورونا ۋىرۇس يۇقۇمى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاممىۋى ساغلاملىق باھانىسى بىلەن چەتئەللىك مۇخبىرلارنى چەكلەيدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى. خىتاي دائىرىلىرى ئاممىۋى ساغلاملىقنى سەۋەب قىلىپ تۇرۇپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بىر قىسىم رايونلارغا بېرىشىنى چەكلىدى، بۇنىڭدا ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى شىنجاڭ رايونىدۇر. گەرچە بىر قىسىم چەتئەللىك ۋە خىتاي زىيارەتچىلەر رايونغا ئەركىن بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يەردىن مەلۇمات ئىگىلەش نىيىتىدىكى ئاخباراتچىلار ۋە بىر قىسىم مەنبەلەرنىڭ بۇ يەرلەرگە بېرىشى قاتتىق توسالغۇغا ئۇچرىدى.»

چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى مانا مۇشۇنداق خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە چېكىنىۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد يوق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىنىڭ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كۇلۇب دوكلاتتا مۇنداق دېگەن: «FCCC خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا سۆز ئەركىنلىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەنلىكىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۇق. بۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈستۈنلۈك، ھۆرمەت ۋە دوستلۇقتىن ئىبارەت روھىغا پۈتۈنلەي زىت»

سوفىي رىچاردسون خانىم خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئولىمپىك روھىغا خىلاپ، شۇنداقلا خىتاي 2008-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتىن ئاۋۋال ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياخشىلاش ۋەدىسىگىمۇ خىلاپ. ئەينى چاغدا خىتاينىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىقىغا كىشىلەر دىققەت قىلمىدى، ئولىمپىك كومىتېتىمۇ دىققەت قىلمىدى، ھېچكىم جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرمىدى. بۇ نۆۋەت دۆلەتلەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك، بۇ دۆلەتلەر قارار قىلىپ تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئەۋەتمەسلىكى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىنى ئەۋەتمەسلىكى كېرەك، بۇ مۇسابىقىنىڭ ياردەم بەرگۈچى شىركەتلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولۇپ-بولمىغانلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك.»

سوفى خانىم يەنە، ھەرقايسى دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭمۇ ئۆزلۈكىدىن خىتايغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئاخبارات ئەركىنلىكى چەكلىنىدىغان بىر دۆلەتكە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھازىر بۇنداق تەشەببۇسلارنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ كۇلۇبقا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرى ئەزا بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 18 چەتئەللىك مۇخبىر خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئۇلار «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھازىر خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى 60 نەچچە نەپەردىن، ھازىرقى 39 نەپەرگە كېمەيگەن.