نەنسى پېلوسى: «بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز!»

0:00 / 0:00

خىتاي تەۋەسىدە ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور كۆلەملىك خەلق نامايىشى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى «ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى» نىڭ بىۋاستە ئاقىۋىتى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن تۇشمۇ-تۇشتىن باشلانغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھرىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئاشكارا ھالدا بۇ پاجىئەدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئورنىغا «ئوت كەتكەن بىنانىڭ خەتەردىن قېچىش يوللىرى ئوچۇق بولسىمۇ، ئەمما بىنادىكىلەر قاچمىغانلىقتىن كۆيۈپ كەتكەن» دەپ مەسئۇلىيەتنى بىنادىكى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويغان. بۇ ئەھۋال مىڭلىغان خىتاي ئاممىسىغا بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرى بويىچە ئۆلۈك ھالدا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان قامال چارىسىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە جانغا زامىن بولىدىغانلىقىنى بىۋاستە ھېس قىلدۇرغان. ئەنە شۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە خىتاينىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە، جۈملىدىن شاڭخەي، ۋۇخەن، جېڭجۇ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش» نامىدىكى قامال چارىلىرىنى بىكار قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نوپۇزىغا جەڭ ئېلان قىلىش تۈسىدىكى نامايىشلار بارلىققا كەلدى.

ھالبۇكى، بۇ خىل نامايىشلار باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن كۆپلىگەن قىسقا ۋىدىيولار، جۈملىدىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان نامايىشچى ئاممىنى تۇتقۇن قىلىش، شاڭخەي شەھرىدىكى «ئۈرۈمچى ئوتتۇرا يولى» ناملىق يول تاختىسىنى ئېلىۋېتىپ قايتا ئۆزگەرتىپ ئورنىتىپ قويۇش قاتارلىق ھادىسىلەر، ئەمىلىيەتتە بۇ نامايىشلارنىڭ بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇلىشىدىن دېرەك بېرىشكە باشلىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئالغاندىن كېيىن، 29-نويابىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ھەرقانداق پۇقرانىڭ يىغىلىش ۋە نامايىش قىلىش ھوقۇقى بار» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (ئا ق ش) دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى جون كىربىي (John Kirby) ئاقسارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 29-نويابىر، ۋاشىنگتون.
دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى(Nancy Pelosi) خانىم سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 29-نويابىر، ۋاشىنگتون. (c-span)

29-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم ئالاھىدە سۆز قىلىپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 2022-يىلى 7-ئاپرېلدا تەييارلاپ چىققان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نى قەتئىي ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنى «داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «قەبىھ ۋە ياۋايىلارچە تۈس ئالماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قاتاردىكى قىلمىشلىرى قاتارىدا زور كۆلەملىك نازارەت مېخانىزىمى، زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك، كوللېكتىپ قىيناق ۋە تۇغماس قىلىۋېتىش ھادىسىلىرىنى ساناپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. بىز بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا شۇنى دەيمىزكى، ‹بىز سىلەرنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بىز ھەرقاچان سىلەرنى قوللايمىز ھەمدە سىلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز! › بىز يەنە بېيجىڭغا كۈچلۈك بىر ئۇچۇرنى يوللاش ئارقىلىق، ‹بۇ قىرغىنچىلىق دەرھال توختىشى لازىم› دەۋاتىمىز» دېگەن.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلغۇچىلارنىڭ يەنە بىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) بولدى. ئۇ سۆزىدە ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ «ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش» تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۆيلەرنى سىرتتىن زەنجىرلەپ تاشلاش چارىسىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋە خىتاي شەھەرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق قامال چارىلىرىنى بىكار قىلىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ «بىز مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ‹ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سۆزلىرى ۋە ئەمەلىي ھەركەتلىرى ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى بۇ كۈرەشتە بىزنىڭ ئۇلارنى ھېمايە قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن.

ياڭ كىم خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل رېئاللىقنى ئىزچىل ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك ھازىر مەلۇم بولغان كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، جۈملىدىن كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ سىستېمىلىق تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ قانۇن لايىھەسى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق خىزمەتلىرىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان يېتىشسىزلىكلەرنى تولدۇرالايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئارقىلىق ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشقا قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر ياقلىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا دائىر خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش كۈرىشىگە قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جاۋاب قايتۇرۇشقا يول ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ھەققىدىكى بۇ مۇنازىرىدە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھالنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد نۇرى ھېساپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئاشۇنداق ماقۇللىنىشى ئۈمىد قىلىنماقتا.