خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ« ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى» دېگىنى راستمۇ؟

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.08.18
kucha--bashlanghuch-uyghur-oqughuchi-kungzi-telimati كۇچا 7-باشلانغۇچتىكى خىتايچە كىيىنىپ، كۇڭزى تەلىماتىنى دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى. 2017-يىلى دېكابىر، كۇچا ناھىيىسى.
Photo: ts.cn

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى 17-ئاۋغۇست «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز تىل- يېزىقىنى توسالغۇسىز ئىشلىتىۋاتىدۇ» دېگەن تېمېدا بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ يوڭ17-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۆتكۈزگەن «جۇڭگونىڭ يېقىنقى ئون يىلى» تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا مۇنداق دېگەن:«ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ئۆگىنىش، ئۆز تىلىنى تۇرمۇشتا ۋە  خىزمەتتە ئىشلىتىشىدە ھېچقانداق توسالغۇ يوق. بەزى غەرب تاراتقۇلىرى قارىلىغاندەك ئاتالمىش ​​‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى›  دەيدىغان نەرسە يوق».

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا مائارىپنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇش  ھەققىدە رەسمىي يازما ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان. 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى مائارىپى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى، «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى» نامىدا يەسلىلەردىن تارتىپ باشلانغۇچ ئوتتۇرا-مەكتەپلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى،  ۋەزىيەت ئانالىزچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسى قانۇنىغا ئاساسەن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىشىدە توسالغۇ يوق، دېگەن سۆزلىرىنىڭ «قىپقىزىل يالغانچىلىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ئاتا-ئانىلىرىدىن كېچىك ياشتىلا ئايرىۋېتىلىپ دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆزىنىڭ خىتايچە بىلمەيدىغان ياشتا چوڭ ئاتا- ئانىلىرى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا نورمال ئالاقە قىلالمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 600 مىڭدىن 800 مىڭغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دەپ ئاتالغان ئورۇنلاردا «تەربىيە» كۆرمەكتىكەن. «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدىكى نىشانى 2025-يىلىغا قەدەر ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار يەسلىلىرى ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي ئوقۇغۇچى نىسبىتىنىڭ 98 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 2017- يىلى 7‏-ئايدا بۇ ھەقتە چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي تىلىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۆز-ئار ئالاقىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنى چەكلەپ، خىلاپلىق قىلغۇچلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.  غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىمۇ 2017-يىلى ‏‏10‏-ئۆكتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدىكى دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى بىردەك چەكلىگەن. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى چىقارغان باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىغا كۆچۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى  ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: « مۇئاۋىن مۇدىر جاۋ يوڭ ئاتالمىش ‹خىتاي ھۆكۈمىتى  ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى قوغدايدۇ› دېگەن بۇ ماددا ھەققىدە، خىتايدا خىتاي تىلىنى ئىشلىتىدىغان خىتاي، مانجۇ ۋە خۇيزۇدىن باشقا  بارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ، دەيدۇ. كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، دەپ يالغان ئېيتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاساسى قانۇندا ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ رايونلىرىدا ئۆزىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەمما رېئاللىق ئەكسىچە، يەنى يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ‹دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش›  نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالدىن ئاستا- ئاستا سېقىپ چىقىرىلدى.  ئۇيغۇر تىلىنى پەقەت شىنجاڭ خەلق گېزىتى ۋە  پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرچە تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان تور بەتلىرىدىلا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاپتونوم رايوندا ئاساسىي تىل شەكلىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. نەچچە يىلدىن بىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچى- مۇتەخەسسىسلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلدى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدىكى زىيالىيلىرى  تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي مەيلى تارىخشۇناس، مەيلى ئەدەبىيات- تىل ساھەسى ۋە ياكى تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى زىيالىيلار بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىلغار زىيالىيلىرىنى لاگېرغا سولىدى. ‹ئەگەر بىر مىللەتنى يوقاتماقچى بولساڭ، ئالدى بىلەن ئۇ مىللەتنىڭ زىيالىيلىرىنى يوقات، دېگەن گەپ بار›، خىتاي دەل شۇنى قىلدى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىل زىيالىيلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلدى. سىرتتا چىقالىغانلىرى بولسا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا چېچىلىپ كەتتى. مانا بۇ خىتاينىڭ مەقسىتى».

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كەلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلار 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئۇشتۇمتۇتلا «ئېغىر مەسىلە بار كىتابلار» دەپ يىغىۋېلىنغان. مەزكۇر كىتابلارنىڭ تۈزۈلۈشىگە ۋە دەرسلىك قىلىپ قوللىنىلىشىغا كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن يالقۇن روزى ۋە ۋاھىتجان ئوسمان،  مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇت، ھۆكۈمەت مۇئاۋىن باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىن، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە«شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇراززاق سايىم ۋە تاھىر ناسىر قاتارلىقلار ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ھەق- ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفىسسورى ئىلھام توختىمۇ 2014-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا ئاخبارات قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يولدىشى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقنى بىلدۈرگەن.

ما جۈ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى:«ئەگەر خىتايدىكى بارلىق دېلولار خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا ھازىر نۇرغۇن دېلولارغا قىلىنغان ھۆكۈم قانۇنسىز. خىتاي ئەزەلدىن ئاساسى قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئەمەس. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، دېگەنلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇق سەپسەتىلىرىنىڭ بىرى خالاس. خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرى دۇنيانى قاپلاپ كەتتى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىمەنە سۆزلىرىنى ‹سۆز› قاتارىدا ئاڭلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. خىتاي ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىغا ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنى جۈملىدىن ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قۇربان قىلماقتا. شۇڭلاشقا ھەر قانداق بىرىمىز مۇشۇنداق يالغانچى بىر ھاكىمىيەتنىڭ سۆزلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق ياكى ئىشەنسەك بۇ بىزنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىمىزگە قىلىنغان ھاقارەت».

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ  5-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە ئۇيغۇر رايونىدا  «دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنىڭمۇ قوغدىلىۋاتقانلىقى» نى تەشۋىق قىلغان.

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىق سىياسىتىگە ئائىت يازغان ماقالىسىدە، ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە ب د ت ئورگانلىرىنى، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل مائارىپىغا توسقۇنلۇق قىلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان. ئۇ ماقالىسىدە ئەگەر  ب د ت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قارىسا،  خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەتلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوغداش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.