خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان بىرقسىم ئۇيغۇر ياشلارنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
زۇليار ياسىن ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش فۇجىيەن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ يەر-مۈلۈك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ پىراكتىكىسىنى باشلىغاندا، يەنى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە ساقچىلار كېلىپ سەۋەبسىز تۇتۇپ كەتكەن.
زۇليار ياسىنجاننىڭ گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ھاممىسى رازىيە جالالىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ جىيەنى زۇليار ياسىنىڭ ئۈرۈمچىدنە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى ۋە جىيەنىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن بۇ يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
رازىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇنىڭ جىيەنى زۇليار ياسىن، 1996-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2014-يىلى 9-ئايدا تۈركىيەگە بېرىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتى ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان. بىراق ئىستانبۇلغا كۆنەلمەي 2016-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتقان. ئۇ ئۈرۈمچىدە 2017-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن فۇجىيەن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر-مۈلۈك باشقۇرۇش كەسپىگە 5 يىللىق ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ 2021-يىلى 7-ئايدا تەتىل قىلىپ ئۈرۈمچىگە قايتقان ۋە پراكتىكا قىلىشقا باشلىغان، بىراق شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە ساقچىلار كېلىپ سەۋەبسىز تۇتۇپ كەتكەن.
زۇليار ياسىن بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن بولۇپ رازىيە خانىم ئۈرۈمچىدىكى تۇغقانلىرىدىن بىلگەنلىرى بويىچە بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى زۇليار ياسىننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە بىر ساقچى تېلېفون قىلىپ، زۇليار ياسىننىڭ «ۋەتەننى پارچىلاشقا ئورۇنغانلىق جىنايىتى» بىلەن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ 3-5 يىل ئارىسىدا تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىكەن. بىراق، رازىيە خانىم زۇليار ياسىننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، ھېچ قانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭغا تۆھمەت بىلەن ئاشۇنداق قالپاق كىيدۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
رازىيە خانىم ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئاتا-ئانىسى، ھەدە _ سىڭىل ۋە ئاكا ئىنىلىرى قاتارلىق ھەممىسىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ زىيالىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇشتىن باشقا ھېچ قانداق بىر جىنايىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
رازىيە خانىم، دۇنيا جامائىتىنى سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە قالىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلدى، ئاشۇ 70 ياشلىق بوۋاي-مۇمايلارنىڭ، نارەسىدە باللىرىمىزنىڭ نېمە گۇناھى بار؟ بىزگە ياردەم قىلىدىغان بىر دۆلەت يوقمۇ؟ ۋەتەندىكىلەر مۇشۇنداق تۇتۇلۇپ قىرىلىپ تۈگىسە ۋەتەن سىرتىدىكى بىزلەر يۈرىكىمىز پۇچىلىنىپ، پسىخىكىمىز بۇزۇلۇپ تۈگەپ كېتىمىزمۇ؟ دۇنيادا بىزگە ياردەم قىلىدىغان بىر دۆلەت يوقمۇ؟ ئىختىساسلىق تەربىيەلىنىۋاتقان ياش پەرزەنتلىرىمىز نابوت بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئىنسانىي ھەققانىيەت قەيەردە؟ كىشىلىك ھوقۇق قەيەردە؟ نېمە ئۈچۈن بىز باشقا دۆلەتلەردىكى ئىنسانلاردەك ئەركىن ياشىيالمايمىز».
نورۋېگيەدىكى تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلار بويىچە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2021-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە زۇليار ياسىن ئىسىملىك ئوقۇغۇچىنىڭ 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇتۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.