شى جىنپىڭ «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدىن نېمىشقا ۋاز كەچتى؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.01.09
شى جىنپىڭ «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدىن نېمىشقا ۋاز كەچتى؟ ماسكا تاقىۋالغان خەلقئاراغا ئۇچۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن يولۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ يۈك-تاقىسىنى ساقلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 9-يانۋار.
AP

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 3 يىلدىن بۇيان بىر قوللۇق يولغا قويغان «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىل 7-دىكابىردىن باشلاپ «پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىش» سىياسىتى يولغا قويغانىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خىلمۇ خىل مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، قامالنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن تەڭ يامرىغان كوۋىد ۋىرۇسى خىتاينىڭ نېمىشقا بۇرۇنقى سىياسىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ھەققىدە يېڭى كۆز قاراشلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

4-يانۋار كۈنى «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «شى جىنپىڭ نېمىشقا كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە يول تۇتتى؟» ناملىق ماقالىدە بۇ مەسىلە يېڭىچە پىكىر ۋە كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن قامال سىياسىتىدىن نېمىشقا ۋاز كەچكەنلىكى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

شى جىنپىڭ تەرەپ-تەرەپتىن بېسىمغا دۇچ كەلگەن

ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، خىتاينىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خىتاي رەھبەرلىرى «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان، چۈنكى ئەڭ قاتتىق قامال قىلىنغان رايونلاردا يۇقۇمدارلارنىڭ يەنىلا كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرەلمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇ سىياسەتتىن ۋاز كېچىشتىن بۇرۇنلا ۋىرۇس ئاللىقاچان كەڭ كۆلەمدە يۇقۇپ بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ كەلگۈسىدە قامالنى ئېچىۋېتىشكە خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە تەييارلىق قىلمىدى، پۇقرالارغا ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا ئۇرمىدى، يۇقۇمدىن مۇداپىيە كۆرۈش ۋە كېسەلنى داۋالاش تەدبىرىنى كۈچەيتمىدى، ھەتتا قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرىنى يېتەرلىك ھازىرلىمىدى. شۇنىڭ بىلەن، بىرلا قويۇۋېتىۋىدى، يۇقۇم كىرزىسى بىراقلا پارتىلاپ چىقتى».

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ قامال سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا كەتكەن بەدەل ئېغىر بولغان، ئېكسپورت ۋە پارچە سېتىش ئېغىر دەرىجىدە ئازلىغان، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە كىرزىسىغا پاتقان، بىر قىسىم ئاھالىلەر تامامەن ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان. شۇنداقتىمۇ شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىغىچە قامال سىياسىتىنى بىكار قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلالمىغان. 11-ئاينىڭ ئاخىرىسىدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، 27-كۈنلىرى خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە پارتلىغان قارشىلىق ھەرىكىتى، نامايىشچىلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ لەنەت ياغدۇرۇشى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى چۆچۈتكەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى ما جۈ ئەپەندى «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ ئەسلىدىنلا خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى ئىلىم-پەنگە ۋە تېببىي ئىلىمگە خىلاپ بىر نەرسە. ئۇ توساتتىن ئەمەس، داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن بىكار قىلىندى. ئەگەر ئۇ داۋاملىق يولغا قويۇلسا خىتايدىكى ھەممە ئادەمنى سولاشقا توغرا كېلەتتى. ۋىرۇس دېگەن نەرسىنى ئادەم كۈچى بىلەن توسۇپ كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ‹ئادەم تەبىئەتتىن غالىب كېلىدۇ› دېگەن ئىدىيەدە ھەرىكەت قىلىپ كەلدى، بۇ ئىدىيە ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب بولغاندىن كېيىن بۇ سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى».

شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كىرزىسقا پېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتاينىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئاياغلاشقاندىن كېيىن خىتاينىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلىرى ۋە سودا-سانائەتچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمدى قامال سىياسىتىنى بوشىتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان. ئەمما شى جىنپىڭ 3-قارار ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىنمۇ ئۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەن. گېرمانىيە باش مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە شى جىنپىڭ «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ خىتايدىكى جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقى ۋە ئىقتىسادىي داۋالغۇشنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغان.

شۇ مەزگىلدە يەنە فۇشىكاڭ زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى نامايىش قىلىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. جېڭجۇ شەھىرىگە جايلاشقان فۇشىكاڭ پەن-تېخنىكا گۇرۇھى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايفون قوراشتۇرۇش زاۋۇتىغا ئىگە بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى گو تەيمىڭ، «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى خىتاينىڭ خەلقئارا مال تەمىنلەش لىنىيەسىدىكى ئورنىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە، دېگەن.

مال ئېكسپورت قىلىش خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھالقىلىق ئامىل بولۇپ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنى بىر نەچچە ئاي قامال قىلغاندىن كېيىن سودا-تىجارەت بىراقلا ئاستىلاپ، خىتاينىڭ ئېكسپورتى ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان.

قامالدىن كېيىن پارتلىغان كوۋىد كىرزىسى شى جىنپىڭنىڭ «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلامدۇ؟

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» ئۈچۈن پۇقرالارنى دائىم تەكشۈرۈش، ئۇلارنى ئۆيىدە ياكى سىرتتا كارانتىن قىلىش ئەمەلىيەتتە ئەكس ئۈنۈم بەرگەن بولۇپ، 3 يىلدىن بۇيانقى بارلىق ئۇرۇنۇشلار ۋە تۆلىگەن بەدەللەر بىكار كەتكەن، ۋىرۇس تېخىمۇ كۈچەيگەن، يۇقۇمدارلار تېخىمۇ كۆپەيگەن. شۇڭا قامالنى بىكار قىلغاندىن كېيىنلا يۇقۇمدارلار شىددەت بىلەن كۆپەيگەن، 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە 250 مىليون ئادەم يۇقۇملانغان، 22 مىليون نوپۇسى بار بېيجىڭنىڭ يېرىم ئاھالىسى يۇقۇملانغان؛ ئارقىدىن قېرى، ئاجىز، كېسەلمەنلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئۆرلىگەن. جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىدا جەسەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ دەل ۋاقتىدا بىكار قىلىنغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان، شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق نۇتقىدا يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى، ئەمما خەتەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ما جۈ ئەپەندى خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا قاراپ شى جىنپىڭنىڭ «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى توغرا دەپ قارايدىغانلارنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بەزىلەر كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىدە قوللىنىلغان تەدبىرلەر توغرا ئىدى دېيىشمەكتە. ناھايىتى روشەنكى، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مېڭە يۇيۇش ۋە پەنگە قارشى تەربىيەسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىن شەكىللەنگەن، ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى ۋە مەنتىقىسى يوق بىر ھۆكۈمدۇر. بۇ خۇددى ئامېرىكانىڭ جەنۇبىدىكى قۇللار ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، بىر كىم ئۇنىڭغا تاماق بەرمىسە «قۇللارنى قۇتۇلدۇرۇش خاتا بوپتۇ، يەنىلا قۇللۇق ياخشى ئىكەن» دېگەنگە ئوخشايدۇ؛ ياكى قەپەزدە تۇرىۋەرگەن قۇش ئۇچۇشنى كېسەللىك دەپ قارىغانغا ئوخشايدۇ».

خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە كۆز قارىشى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «‹كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتى خاتا ئىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنى بىلەتتى. ئۆتكەن يىل 3-4-ئايلاردا مەن ماقالە يېزىپ، ‹بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى كوۋىد ۋىرۇسى ئۆلمەيدۇ، ئىنسانلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ۋاكسىنا ئەملەش، كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە داۋالاشنى كۈچەيتىش، كىشىلەرنىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك› دېگەنىدىم. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتقانىدى. ئەمما شى جىنپىڭ ھېچقانداق تەييارلىق قىلمىدى، ئاندىن بىراقلا ئېچىۋېتىپ بۈگۈنكى ئاپەتنى پەيدا قىلدى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغانلىرىمۇ خاتا، ھازىر قىلىۋاتقانلىرىمۇ خاتا».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.