زور كۈچلەر ئارىسىدا: مەنپەئەتلەر ئاساسىدىكى قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى (1)

0:00 / 0:00

تاجىسىمان ۋىرۇسى يامرىغاندىن بۇيان قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان قامال چارىلىرى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان شارائىتتا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىرۇس ۋاباسىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى قاتارىدا قازاقىستانغا يول ئالدى. 2022-يىلى سېنتەبىردىكى بۇ زىيارەت جەريانىدا دۇنيا جامائىتى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئادەتتىكى ئالاقە دەرىجىسىدە ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە زور كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ۋاستىلىك رەۋىشتە نامايەن قىلدى.

خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ بۈگۈنى

مەلۇم بولغان ئاممىۋى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 1700 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستان بىلەن قوشنا ھالەتتە تۇرىۋاتقان بولۇپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقنى قولغا ئالغان 1991-يىلىلا ئىككى تەرەپ رەسمىي دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقان. ئەمما ئاشۇ ۋاقىتقا قەدەر ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ئالاقە بولمىغان، ئەكسىچە بۇ جەھەتتىكى ئالاقىلار خىتاي-سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغان. شۇ ۋاقىتتىكى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ تېزلا خىتاينى قازاقىستان ئىقتىسادىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەمدە ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت ساھەسىدىكى روسىيەنىڭ ئېغىر تەسىرىنى تازىلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ، دەپ قارىغان.

ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ خىتاي دۆلىتى ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولغان قازاقىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى، شۇنىڭدەك بىرىنچى نومۇرلۇق ئېكىسپورت ئوبېكتى بولۇپ قالغان. ئەنە شۇ يوسۇندا 2022-يىلىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى پەللىگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەردى. بولۇپمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالمۇتا زىيارىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى ئۈچۈن قازاقىستاننى تاللىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى، شۇ قاتاردا «بىز قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئېتىۋار بېرىمىز. شۇڭا خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى بارلىق ھەركەتلىرىنى قەتئىي ھېمايە قىلىمىز» دېيىشى قازاقىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىۋاستە جاكارلىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېۋ (Kassym-Jomart Tokayev)نىڭ «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئەمىلىيەتتە خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى›نىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇنى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان» دېگەن بايانلىرى بولسا بۇنىڭدىكى ئىقتىساد ئامىلىنى بىۋاستە ھالدا ئەكس ئ‍ەتتۈردى.

قازاقىستان دۆلەت نېفىت شىركىتى باشلىقى كازمۇناىگاس ئۇزاقباي قارابالىن ۋە خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جوۋ جىپىن رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن خىتايغا ئاقىدىغا نېفىت تۇرۇبا يولىنى ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2005-يىلى 15-دېكابىر.
قازاقىستان دۆلەت نېفىت شىركىتى باشلىقى كازمۇناىگاس ئۇزاقباي قارابالىن ۋە خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جوۋ جىپىن رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن خىتايغا ئاقىدىغا نېفىت تۇرۇبا يولىنى ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2005-يىلى 15-دېكابىر. (REUTERS)

2001-يىلى قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىقتىساد ساھەسىدىن باشقا يەنە مائارىپ، ھەربىي مەشق ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. بولۇپمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ساھەسىنى مەركەز قىلغان ئالاقە بۇنىڭدىكى مەركەز بولۇش بىلەن ئىزچىل مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ كەلگەن. خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ تېزدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىشى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، بۇ خىل زور كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك بولغان ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتاي تەۋەسىدىن، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىن قېزىلىۋاتقان ئېنېرگىيە بىلەن قامداش مۇمكىن بولماي قالغان. ئەنە شۇ خىل جىددىي ئېھتىياج تېزدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىنى ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولغان قازاقىستانغا يۆتكىگەن. بۇ جەرياندا قازاقىستاندىن يۆتكەلگەن ئېنېرگىيە، كان مەھسۇلاتلىرى دېگەنلەر تېزدىن مىقدار ۋە كۆلەم جەھەتتە راكىتېسىمان سۈرئەتتە ئېشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستان تەۋەسىدىكى تەبىئىي گاز ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشى شىددەت بىلەن ئاشقان. 2021-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا قازاقىستاندىن خىتايغا تۆت ترىللىيون توننا تەبىئىي گاز ئېكىسپورت قىلىنغان. گەرچە بۇ سان خىتاي ھۆكۈمىتى روسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلىۋاتقان ئېنېرگىيە بايلىقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئانچە كۆپ ھېساپلانمىسىمۇ، خىتاينىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشىدىن كۆپ بىخەتەر ھېساپلانغان.

خىتاي-قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ۋە باشقا ساھەلەرگە مەنسۇپ مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسىسلەردىن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇش ئىنىستىتۇتى (U. S. Army War College) نىڭ پروفېسسورى زېنېل گارسىيا (Zenel Garcia) بۇنىڭدا ئېنېرگىيە ئېھتىياجىدىن باشقا يەنە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە يارىشا قارشى تەرەپتىن كۈتىدىغان «ئۈمىد» لىرى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ قىزىقارلىق سوئال. مېنىڭچە قازاقىستان ئىككى جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر. بۇنىڭ بىرى قازاقىستان دەل خىتايغا زۆرۈر بولۇۋاتقان ‹غەربىي چېگرانىڭ مۇقىملىقىغا كېپىللىك قىلىش›تىكى ئاچقۇچ. بىز بۇ يەردە شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي نەچچە ئون يىلدىن بۇيان شىنجاڭنى خىتاينىڭ ئاجرالماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قوشنىلىرى بىلەنمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىمۇ ئۇلارنىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە غەرپتىكى چېگرىنى ‹بىخەتەر›لىككە ئىگە قىلىش خىتايغا بەكمۇ زۆرۈر. يەنە بىر جەھەتتىن بولسا قازاقىستان خىتاي ئۈچۈن چەتئەل بازىرىغا چىقىدىغان دەرۋازا بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› باشلانغاندىن بۇيان بۇ خىل ئېھتىياج تېخىمۇ زورايدى. خىتاي بۇ قۇرۇلۇشنى ئۈنۈملۈك تاماملاش ئۈچۈن ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا بىر ئىشەنچىلىك تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشقا مۇھتاج. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قازاقىستاندەك بىر دۆلەتكە ئېھتىياجلىق. قازاقىستان بولسا ھازىر كۆپ قىرلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى ئويناۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش، بازار ئېچىش ۋە سىياسىي يۆلەنچۈك تېپىش قاتارلىق ساھەلەردە روسىيەنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان بىر تاشقى كۈچكە مۇھتاج. بۇ بولسا دەل خىتايدۇر. خىتاي مۇشۇ ئارقىلىق قازاقىستانغا روسىيەدىن دالدا بولالايدىغان بىر سىياسىي بوشلۇق ئاتا قىلالايدۇ.»

بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا قازاقىستاندىكى تونۇلغان جامائەت ئەرباپلىرىدىن قەھرىمان غوجامبەردى ((Qahriman Ghojamberdi ئەپەندى بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دىپلوماتىيە ئېھتىياجىنىڭ ئۆزئارا بىرلەشكەن ھالدا رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئ‍ۈچۈن قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھازىرغا قەدەر بىر خىل ئەندىزىدىن چىقمىغان ھالدا داۋام قىلىپ كەلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئ‍ۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

رايون خاراكتېرلىك خىرىسلار

خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىم، دەپ قارىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇقىملىق مەسىلىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› ئۈچۈن بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەر ئىككى تەرەپكە ئايدىڭ مەسىلىلەردىن بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ ئافغانىستان تەۋەسىدە تالىبانلارنىڭ قايتىدىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋېلىشى، پۇقرالارنىڭ نارازىلىقى، شۇنىڭدەك مەزكۇر رايوننى كۆزلىگەن سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئىنتىلىشلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بەزى رايون خاراكتېرلىك خىرىسلارنى پەيدا قىلىپ كەلگەن. يەنە كېلىپ بۇ رايوننىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان چېگرا لىنىيەسى ئارقىلىق خىتاي بىلەن قوشنا ۋەزىيەت ھاسىل قىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشلىرىغا شەرت-شارائىت ھازىرلىغان.

2022-يىلى يانۋاردا ئالمۇتا شەھرىدە پارتلىغان زورلۇق كۈچ نامايىشى قازاقىستاننىڭ ئەمىلىيەتتە خىتاي بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا يەنجىلىۋاتقان ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. گەرچە ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئورنىغا ئاشقۇنلۇق بىلەن داڭ چىقارغان تالىبانلارنىڭ چىقىشى، يەنە كېلىپ رۇس تىلى ۋە رۇس تەسىرى شۇنچە كۈچلۈك بولغان قازاقىستاندا خىتاي تەسىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىشى قازاقىستان ئۈچۈنمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.

بۇنىڭغا ماس ھالدىكى بىر قىسىم يۈزلىنىشلەر ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» 2022-يىلى 15-سېنتەبىر كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان زىيارىتىنى مەدھىيىلىگەن ھەمدە «ئىككى تەرەپ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ‹ئۈچ خىل كۈچلەر›نى ئورتاق باستۇرۇشقا، ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشقا ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا كېلىشتى» دېگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» نى قەتئىي ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق مەزمۇندىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» نى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا سۆز بولغاندا پروفېسسور زېنېل گارسىيە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى ماكان بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقاچان بۇنىڭدىكى مەركىزىي نۇقتا بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ: «بۇ جاي بىر مەركىزىي نۇقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مۇقىملىق مەسىلىسىدە قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىشالمىسا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىشالايدىغان باشقا نەرسە قالمايدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيان مۇقىم ئالاقە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستان ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوبدانلا بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى. شۇڭا بۇ جەھەتتىن ئالغاندا شىنجاڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىزچىل مەركىزي نۇقتا ھېساپلىنىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئاللىقاچان تېگىشلىك دەرىجىدە مۇزاكىرە قىلىنىپ بولغان. شۇڭا بۇنىڭدا ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى قوللاش مەۋقەسىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي تەسىرى قازاقىستان تەۋەسىدە پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن بىرگە قازاقىستاننىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق تاشقى سىياسەت دىپلوماتىيىسىدىمۇ تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگرامىمىزدا بولسۇن.