خىتاينىڭ 2023-يىللىق ئەمگەك كۈچى پىلانىدا ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىنىڭ تەكىتلىنىشىنىڭ مەقسىتى

0:00 / 0:00

2019-يىلى خىتايدا باشلانغان «كوۋىد 19 يۇقۇمى» سەۋەبلىك، خىتايدا 3 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق قامال تەدبىرى، 11-ئاينىڭ ئاخىرى خىتايدا كەڭ-كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 12-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ بۇ خىل قامال سىياسىتىنى قەدەممۇ-قەدەم بىكار قىلىشقا باشلىدى. ھالبۇكى قامال بوشىتىلغاندىن كېيىن بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدە، كوۋىدتىن يۇقۇملىنىش ئېغىرلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى. مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە يەنە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئەمگەك كۈچلىرىنى تولۇقلاش، ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقىلىپ دىققەت قوزغىماقتا.

12-ئاينىڭ 21-كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىلدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەش لايىھەسى ئېلان قىلىنغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 21-دېكابىر شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن كۆچۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغا قەدەر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، 4-ئايدا خەلق ئىگىلىكىدىكى شىركەت زاۋۇتلارنى ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە يەنە 2023-يىلى 5-ئايدىن 8-ئايغىچە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا تور ئارقىلىق خىزمەتكە قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇش؛7-ئايدىن 12-ئايغىچە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ 10-ئايدىن 11-ئايغىچە خەلق ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرگە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش؛ 3-ئايدىن 5-ئايغىچە، 9-ئايدىن 11-ئايغىچە نۇقتىلىق ھالدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش. 2023-يىلى 9-ئايدىن 2024-يىلى 6-ئايغا قەدەر تىبەت، چىڭخەي، ئۇيغۇر رايونى، سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي ۋە جەنۇبىي رايونلاردا ئوقۇش تۈگەتكەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، مەركەزنىڭ باشقۇرۇشىدىكى شىركەتلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر دىيارى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى تەمىنلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ 2017-يىلى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش قىلمىشلىرى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىدە خىتايدا ئىشلەنگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى» چەكلەنگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇنداق شارائىتتا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، غەربىي قىسمىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىنى ئاساس قىلىپ، خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىنى ئاتالمىش ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئەمەلىيەتتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك» مەسىلىسىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدىن «سوخۇ» تورىنىڭ 2022-يىل 9-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 2022-يىلى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە شىنجاڭدىكى يېزا بازارلاردىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمگەك كۈچلىرى 387مىڭ 800 ئادەم بولغان.

خەۋەردە يەنە 2012-يىلى 11-ئايدا ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ناھىيە-يېزىلارنى ئاساس قىلىپ، ھەر يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ 450 مىڭ ئارتۇق ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق دېگەنلەرنىڭ كۆپى يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇت-فابرىكا ۋە باشقا ھەر خىل كارخانىلارغا ئىشلەشكە سېلىنغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇرشۇناس ئادرىئان زېنز ئەپەندى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى تەتقىقات ئورۇنلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىسپات ماتېرىياللىرى بولالايدۇ.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىل ئاخىرىدا يەنى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلغان 2023-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى خىتاي خەۋىرىدىكى، تىبەت، ئۇيغۇر، چىڭخەي، سىچۈەن، يۈننەنگە ئوخشاش غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبتىكى رايونلاردا يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى شىركەت زاۋۇتلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىم قىلىش دېگەن نۇقتىلارغا جىددىي دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى خىتايدا باشلانغان 3 يىللىق «كوۋىد يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى» سەۋەبلىك خىتايدا شىركەت-زاۋۇتلار تاقىلىپ، ئىقتىسادتا زور چېكىنىش يۈز بېرىپ، نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئازىيىشى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شىركەت-زاۋۇتلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىكى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارى، تىبەت ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسىمدىكى سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن تېزلىكتە ئەمگەك كۈچلىرى توپلاش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى يەنە ئىلگىرىكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان يەنى ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەت-زاۋۇتلارغا ھەر يىلى دېگۈدەك «يېزا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ يۆتكەپ ئاپىرىلغان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەكچىلەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ھېچقاچان كاپالەتلىك قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا قاماش، ئۇيغۇرلارنى زاۋۇت-فابرىكىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشتەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» 2017-يىلدىن كېيىن دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى» غا چەكلىمە قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل چەكلىمىلەردىن قېچىش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز شىركەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيا بازىرىدا دەخلىسىز سېتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە زور تۈركۈمدىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە موھتاج بولماقتا.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.