«خىتايدىكى زالىم پىرئەۋن» ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2023.08.16
قازاق، رۇس، تاتار ۋە ئۆزبېك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلىدى نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار.
news.sky.com

 «مۇنداق بىر مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ: سەھەر سائەت ئىككى يېرىمدا، بالا-چاقىڭىز ۋە يېڭىدىن بېقىۋالغان ئىتىڭىز بىلەن قاتتىق ئۇخلاپ كەتكىنىڭىزدە ئۇشتۇمتۇتلا ئۆيىڭىزنىڭ ئىشىكى جالاقشىتىپ ئۇرۇلدى. 1939-يىلىدىكى ئۇ زامانلاردا ئىشىك قوڭغۇرىقى تېخى ئىجاد قىلىنمىغان ئىدى. سىز پولەك تىلىدىن باشقا تىلنى بىلمەيسىز. ئەمما ئۇچىسىدىكى ھەربىيچە فورمىسىغا› S.S ‹چىلارنىڭ يەڭ بەلگىسىنى تاقىۋالغان تۆت كىشى گېرمان تىلدا ۋارقىراپ-جارقىراپ، سىزنى تارتقۇشلاپ پۈكلىگىنىچە تۈرمىگە ئوخشايدىغان بىر جايغا ئاپىرىپ تاشلىدى. بۇ جايدا سىز باشقا بىرەر يۈز كىشى بىلەن بىرلىكتە يۇيۇنۇشقا مەجبۇر بولدىڭىز. شۇ چاغدا بىر زەھەرلىك پۇراق دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلدى. بۇ ھاياتىڭىزدىكى ئاخىرقى كەچمىش بولۇپ قالدى. ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىڭىزنى ئويلاپ گاڭگىراپ قالدىڭىز. بۇ ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ يەھۇدىي بولغانلىقىڭىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. يادىڭىزغا كېلىۋاتامدۇ؟ بۇ دەل1939-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە ئالتە مىليون يەھۇدىينىڭ بېشىغا كەلگەن ‹يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى› دۇر. بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە خۇددى شۇ مەنزىرىنىڭ ئەينەن ئۆزى دۇنيانىڭ نامەلۇم يېرىدىكى نامەلۇم بىر قوۋمنىڭ بېشىغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دېگەن كىمدۇر، دەپ ھەيران بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئۇلار تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان 11-12 مىليون نوپۇسلۇق مۇسۇلمانلار توپى…»

يۇقىرىدىكى جۈملىلەر 20-ئىيۇلدىكى «دۇنيا ئىشلىرى كېڭىشى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئاندرېي ۋولفسون (Andrey Volfson) ئىمزاسىدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بېغىشلانغان ماقالىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقىغا دائىر ئەسلىمىلەر بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ۋە تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان نۇقتىغا ئايلانماقتا.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاندرېي ۋولفسون (Andrey Volfson) ئامېرىكا شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمى بويىچە ئوقۇۋاتقان تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى ئوبزورىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەن سىياسىي مۇھىت بىلەن نەقەدەر ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىرنەچچە جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ماكاننىڭ 21-ئەسىردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئېۋېلىنا ئوچاب (Ewelina U. Ochab) بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ماقالە ئاپتورىنىڭ بۇ خىل سېلىشتۇرما تەتقىقاتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.

«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن بارلىققا كەلگەن «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدە ھەققىدە كۆپ قېتىم قەلەم تەۋرەتكەن ئېۋېلىنا ئوچاب خانىم.
«يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن بارلىققا كەلگەن «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدە ھەققىدە كۆپ قېتىم قەلەم تەۋرەتكەن ئېۋېلىنا ئوچاب خانىم.
Social Media

 «ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۇيغۇرلار بىلەن يەھۇدىيلاردا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى سېلىشتۇرغان. بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىمىمۇ ئەمەس. چۈنكى ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بار. تېخى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، <يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى> خاتىرە كۈنى ھاۋالە فوندى جەمئىيىتى ئۈچ مۇخبىرنىڭ بوسنىيەدىكى ئۆمەرسكا جازا لاگېرىنى زىيارەت قىلغان سىنئالغۇ لېنتىسىنى تارقاتتى. ئۇلار ئۇ جايدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تەشۋىقات فىلىمىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭدا خورلىنىش، ئېتىبارسىزلىق، قورقۇش ۋە سۈكۈت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايەسى گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.»

ئاپتور ئاندرېي ۋولفسون ماقالىسىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى بۇندىن 70 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ گېرمانىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «ئىستاتىستىكا» (Statista) توپلىمىدىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساسىدا 1949-يىلى خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغاندا خىتاي مىللىتىنىڭ خىتاي نوپۇسىنىڭ %89.43 نى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاران %0.772 نى تەشكىل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى» دىكى «خەلق» نىڭ خىتايلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، خۇددى ئەينى زاماندىكى ناتسىستلارنىڭ گېرمانىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىنى يۈك ۋە ھاجەتسىز ئىنسانلار، دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا شۇنداق كۆزدە قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى سېلىشتۇرما قىلغان. خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي يازغۇچى خې ئەنچۈەن بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى.

 «بۇ ئىككى قىرغىنچىلىق ئۈستىدە كىشىلەر تەبىئىي ھالدا ئۆزئارا سېلىشتۇرما قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ. گەرچە ئىككى قىرغىنچىلىق ئوخشىمىغان مەزگىللەردە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇلارنى سېلىشتۇرماسلىق مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئىككى قىرغىنچىلىق ئوتتۇرىسىدا زامان جەھەتتىن 80 يىل، جۇغراپىيەلىك ماكان جەھەتتىن تۆت مىڭ مىل (يەنى تەخمىنەن ئالتە مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك) دىن ئارتۇق مۇساپە پەرقى بولسىمۇ، ئۇلار ئوخشاش خاراكتېردىكى غايەت زور بىر زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ مەركەزلىك ھالدا باشقا بىر ئاجىز مىللەتكە قاراتقان ئىرقىي كەمسىتىشى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ يىرگىنچلىك يېرى شۇكى، ئۇلار دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشلىتىش، شۇنداقلا ھاكىمىيەت بىلەن ئاۋام خەلقىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىقى ئاستىدا بەزىلىرى بىۋاسىتە، بەزىلىرى يوشۇرۇن ۋە ياكى مەخپىي ئۇسۇللار ئارقىلىق قىرغىنچىلىق قىلىشىدۇر. ھەر ئىككىسىدە قارشى تەرەپنىڭ پۈتۈن مىللەتنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىشتەك بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش قىلمىشىنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشى مۇقەررەر ھالدا بۇ ئىككى قىرغىنچىلىقنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ.»

ئاپتور ئاندرېي ۋولفسوننىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 90-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەر بويى ئولتۇراقلاشقان زېمىنى بولغان ئۇيغۇر دىيارىغا خىتايلارنىڭ بارغانسېرى كۆپلەپ ئولتۇراقلىشىشى تەبىئىي يوسۇندا ئىچكى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇ يەنە، 2000-يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «2000-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشىپ، نۇرغۇن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە نامايىشلار يۈز بەرگەن. 2014-يىلى، ئەينى ۋاقىتتىكى زالىم پىرئەۋنگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەڭ چوڭ دىكتاتور شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇققا زەربە بېرىش› ھەرىكىتى قوزغىغان. بۇ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› ھەرىكىتىدە، ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتەك ئىسلامىي ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى چەكلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى شىنجاڭدا چوڭ جازا لاگېرى قۇرۇشقا باشلىغان ۋە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۈرمىگە تاشلاشقا باشلىغان.»

سان فرانسىسكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى لىنا لېنبېرگ (Lina Lenberg) بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا، يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىردەك باستۇرۇش ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك سىياسىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ ئىككى قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىك ئوبېكتى بولغان يەھۇدىيلار ۋە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە يوقىتىشقا ئۇرۇنغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكتۇر لىنا لېنبېرگ بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

 «جەمئىيەتتە ھەمىشە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇرغۇن باسقۇچ ۋە ھادىسىلەر بولىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر كېچىدىلا يۈز بەرمەيدۇ. كىشىلەرنى مەركەز قىلغان ئايرىمچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى ئىجتىمائىي توپلارنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاندىن جەمئىيەتتە كەمسىتىش ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىقىش، ئۇنىڭدىن باشقا قۇتۇپلىشىشمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، تەشۋىقاتلارمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. مەسىلەن، بىز ناتسىستلارنىڭ گېزىتنى ۋاسىتە قىلىپ يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى بىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ خۇددى خىتاي بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق تۈردە كونترول قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ‹تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى› دەپ تەشۋىق قىلغانغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، خىتاي ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ھېسابلايدۇ. بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلار مانا بۈگۈنگىچە داۋاملاشماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۆھمەت قىلىشى ۋە بوھتان چاپلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر لاگېرلارغا قامالدى ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى. شۇنداقلا يەنە، يەھۇدىيلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئىككىسى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ھازىرمۇ خىتايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا. مەسچىت ۋە مازارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا.»

ئاندرېي ۋولفسون ماقالىسىدە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنى ئاتالمىش «تېررورلۇق ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەن كىشىلەرنى ئۈلگىلىك كوممۇنىستقا ئايلاندۇرۇش» ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئاندرېي ۋولفسون ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەنبەلىرىگە ئاساسەن نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 385 تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قانۇنسىز قامالغانلىقىنى مۆلچەرلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا قىيناش، مەجبۇرىي تۇغۇتنى چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش ۋە خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشتەك مېڭە يۇيۇش قىلمىشلىرى كۆپلەپ سادىر بولغان.

دوكتۇر لىنا لېنبېرگ زىيارەت داۋامىدا جازا لاگېرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى قورقۇنچ ۋە زوراۋانلىققا تولغان جايدۇر. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا ئۇلار جىسمانىي ۋە پىسخولوگىيەلىك قىيناققا، شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرايدۇ. ئۇندىن باشقا، خىتايدا يەنە كەڭ كۆلەمدە قۇللۇق ئەمگەك سىستېمىسى بار. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار لاگېردىن بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا يۆتكىلىدۇ. بىز زور قىرغىنچىلىق مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمىز. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، 2018-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارغا يېقىن جايلاردا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى سېلىنغان ئىكەن. بۇ يەھۇدىيلارنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق دەۋرىگە ئوخشاش ئەھۋال.»

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى سېلىشتۇرۇش تېمىسىدا يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن ئەسەرلەر يېزىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ تەسىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئەڭ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.