ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى: ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا ئەندىشىلىرىنى دېيىش مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس

0:00 / 0:00

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 26-ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكادا 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغانىدى. ئۇ بۇ جەرياندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سوللىۋېن بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەنىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تارقىتىلغان باياناتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بىلەن ۋاڭ يى ئۇچرىشىش جەريانىدا 7 سائەتتىن ئارتۇق سۆھبەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

باياناتتا دېيىلىشىچە، ئانتونىي بىلىنكېن ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيەدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۇنيا ئۈچۈن مۇھىم بولغان مەسىلىلەردە ئورتاق تىرىشىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

باياناتتا دېيىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ ھەقتە «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى ھەمدە ئايرىم دېلولارغا ئائىت ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېيىلگەن.

باياناتتا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۈستىدە نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى، خىتاي تەرەپنىڭ بىلىنكېن تىلغا ئالغان يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئايرىم دېلولار ھەققىدە نېمە دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا تىلغا ئېلىشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا يېتەرلىك بولماي كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقى ياخشى ئەھۋال، بىراق يېتەرلىك ئەمەس» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئامېرىكا-خىتاي ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆھبەتلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوچۇق ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنىڭمۇ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ھازىرلىق ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى دېيىلگەنىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئەندىشىسى ئورۇنسىز ئەمەسكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە: «ھازىرقى مەسىلە مەيلى بايدېن-شى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنسۇن ياكى ئېلىنمىسۇن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئۆزى بۇ ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سان-فىرانسىسكودا كۆرۈشۈشى ھەققىدە كېلىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت دېتاللار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ ئېنىق بولىدىكەن.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىغا قارىتا ئۆز تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسىدا بايدېن ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىنىڭ ئەڭ مەركىزى نۇقتىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى، بولۇپمۇ 21-ئەسىرگە چۈشكەن داغ بولغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش مەسىلىسى بولۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.