خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى دۇنياۋى ۋاباغا ئايلانغان مەزگىلدە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئارىسىدا خىتايغا جازا خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرۇش سادالىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«نيويورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىلدىكى سادالار ئامېرىكانىڭ سەھىيە ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا خىتايغا تايىنىپ قېلىشىغا خاتىمە بېرىش، خىتايدا زاۋۇت قۇرۇغان ئامېرىكا سانائىتىنى قايتۇرۇپ كېلىش، خىتايغا قارىشى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىدە ئالىدىكەن.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئۆتكەن ئايدا «ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى» ناملىق بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.
بۇ قانۇن لايىھەسىدە سەھىيە ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا خىتايغا تايىنىپ قېلىش ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ۋە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى بۇ ۋەزىيەتكە جىددىي رەۋىشتە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىلغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرى ئارىسىدا قوللايدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن 2020-يىللىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئۆزىنى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن ئېلزابېت ۋاررېن خانىم، 2016-يىلى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتلار پارتىيەسىدىن مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى بولغان تىم كەين قاتارلىقلار بۇ قانۇن لايىھىسىنى بىرلىكتە تونۇشتۇرغان نوپۇزلۇق ۋەكىللەردىن ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ترامپ ھۆكۈمىتى خادىملىرىمۇ كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئامېرىكا سەھىيە شىركەتلىرىنى دورا ۋە سەھىيە ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا خىتايغا تايىنىپ قېلىشنى كېمەيتىپ، ئامېرىكا سەھىيە سىستېمىغا مەبلەغ سېلىشقا قىستىغان.
ئاقساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋارو «ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش قانۇنى» نى كۈچەيتىپ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سەھىيە ئەشيالىرىنى باشقا ئەللەردىن سېتىۋېلىشىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.
كورونا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى ئامېرىكانى جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان مەزگىلدە، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات يوللاپ، خىتايغا قارىشى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىشكە 20 مىليارد دوللار تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ 20 مىليارد دوللار ئامېرىكا «ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابى» تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان. بۇ مەبلەغ، ئالدىن سىگنال بېرىش رادار سىستېمىسى سېتىۋېلىش، ئەسكەر كۆپەيتىش، باشقا ئىتتىپاقداش ئەللەر بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ۋە ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يېڭى مەبلەغ تەلىپى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
كورونا ۋىرۇسى دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىش ھارپىسىدا خىتاينىڭ سەھىيە ئەشيالىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەنلىكى، بۇلارنىڭ خىتايدا زاۋۇت قۇرۇغان ئامېرىكا شىركەتلىرىگىمۇ قارىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
«نيويورك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدىكى «M 3» ۋە «ھانېييۋېل» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى شىركەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئاقسارايغا شىكايەت قىلىپ، خىتاينىڭ يانۋار ئېيىدىلا مەزكۇر شىركەتلەر خىتايدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىشى قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.