خەلقئارالىق مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پارا ئالغان» دەپ ئەيىبلەنگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دوكلاتچىسى ئالېنا دوخان بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇ، شۇ قېتىملىق زىيارىتى ئاساسىدا تەييارلىغان «بىر تەرەپلىمىلىك جازا تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان پاسسىپ تەسىرى» ناملىق دوكلاتىنى نۆۋەتتە جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان 57 -نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئالېنا دوخان بۇ دوكلاتىدا ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى مۇئەسسەسەلەر ۋە شەخسلەرگە قويغان جازا تەدبىرلىرى، شۇنداقلا سودا چەكلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتكەن. دوكلاتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىگە مەركەزلەشكەن. ئۇنىڭ بۇ جازا تەدبىرلىرىنى «قانۇنسىزلىق» دەپ باھالىغان نۇتۇقى ب د ت دىكى يىغىن مەيدانىدا بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە قوزغىغان. ئالېنا دوخان 57-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 10-يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن:

«مېنىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىم بىر تەرەپلىمە جازالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇنداق جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان تەسىرىنى ماھىيەتلىك دەرىجىدە ئازايتقان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقى تەسىرگە ئۇچرىماقتا. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ساھەلىرىگە قارىتىلغان بۇ جازالار خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ. جازا يۈرگۈزگۈچى دۆلەتلەر دەرھال بۇ تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك.»
بېلورۇسىيەلىك ئالاھىدە دوكلاتچى ئالېنا دوخان نۇتقى داۋامىدا بۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئىنسانلارنى چىقىش قىلمىغانلىقى، ئىنسانپەرۋەرلىككە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ئىشلەش ھوقۇقى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ئېغىر زىيان بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭ سۆزىدىن كېيىن، يىغىن مەيدانىدىكى خىتاي ۋەكىلى دەرھال ئالېنا دوخاننى قوللاپ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاھىدە دوكلاتچى دوخاننىڭ خىتايغا قىلغان تەكلىپلىك زىيارىتىدىن كېيىن بەرگەن دوكلاتىنى قارشى ئالىدۇ. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى يولغا قويغان بىر تەرەپلىمىلىك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، ئۇ كىشىلىك ھوقۇققا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە. مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر دوخان خانىمنىڭ تەكلىپلىرىنى ياخشى ئاڭلىشى ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك» دېگەن.
يىغىن مەيدانىدىكى ۋېنېزۇئېلا، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيە، كۇبا، بېلورۇسىيە، زىمبابۇۋې ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋەكىللىرىمۇ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن سۆز قىلىش نۆۋىتىدە، ئالېنا دوخاننىڭ دوكلاتىنى مەدھىيەلەشكەن ۋە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىشقان.
ب د ت دوكلاتچىسى ئالېنا دوخان مەزكۇر «بىر تەرەپلىمىلىك جازا تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان پاسسىپ تەسىرى» ناملىق دوكلاتىنى تەييارلاشتىن ئاۋۋال، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجى، خوتەن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان. ئۇ بۇ زىيارىتى ھەققىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنغان دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ «رايوندىكى يەرلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ساھە ۋە كەسىپلەر ۋەكىللىرى، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئىلمىي خادىملار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى» بايان قىلغان. ئالېنا دوخان يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى بىرىنچى قول ئۇچۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، بىر تەرەپلىمىلىك جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئىنسانلار ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى ھەقىقىي كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى» بىلدۈرگەن.
بىراق، ئالېنا دوخاننىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان بۇ «بىر تەرەپلىمىلىك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تەسىرى» ناملىق دوكلاتى نەق مەيداندىكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى نەننا ئاندېرسېن خانىم سۆزىدە ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تەدبىرلىرىنىڭ تامامەن خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇنلۇقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئەمەلىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تەدبىرلىرى خەلقئارا قانۇنلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قايتۇرۇلغان بىر ئىنكاستۇر. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جاۋابكارلارنى نىشان قىلغان، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان تەدبىرلەردۇر. ئۇلار ۋەقەلەرگە بىرمۇبىر قاراپ چىقىش، پاكىت يىغىش ۋە قانۇنىي رامكىلار بىلەن سېلىشتۇرۇلۇش ئاساسىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، قەرەللىك ھالدا كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرۇلىدۇ.»
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى نەننا ئاندېرسېن خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تەدبىرلىرىنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەر ۋە قانۇنلار ئاساسىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جازالاشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «دوكلاتچى خانىم، سىزنىڭ دوكلاتىڭىزدا يازغان خۇلاسىڭىزغا جاۋابەن مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تەدبىرلىرى سۆز تېمىسى بولۇۋاتقان دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە تەشەببۇس قىلىش مەقسىتى بىلەن خەلقئارا قانۇنلار ۋە ئادىل سوتلىنىش كاپالىتى ئاساسىدا بېكىتىلگەن. مۇشۇ بويىچە ئالغاندا، سىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئورگانلار ۋە شەخسلەرگە قويۇلغان قايتۇرما خاراكتېرلىك جازا تەدبىرلىرىگە قانداق باھا بېرىسىز؟»
ئالېنا دوخاننىڭ دوكلاتىغا ئامېرىكا ۋەكىلى تىم جونسون (Tim Johnson) مۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جازا تەدبىرلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدۇ، دەيدىغان بۇ ئەيىبلەشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. بۇ مەنتىقە ئاساسىي جەھەتتىن خاتا. جازا تەدبىرلىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خورلاشنى توسۇش ۋە چەكلەشتە، جاۋابكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە بولغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىيىن-قىستاق، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈۋېتىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە شېرىك بولغان مەلۇم رەھبەرلەرگە قارشى جازا تەدبىرى قوللانغان. بۇ جازا تەدبىرلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز دۆلىتىدىكى كۈچلۈك ھوقۇقدارلارنىڭ جازاسىز قېلىشىنى خالىمايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن.»
ئۇ سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلغان: «نۇرغۇن جايلاردا، ئاددىي پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى شۇ دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن كۆزگە ئىلىنمايدۇ ياكى دەپسەندە قىلىنىدۇ. بۇ رەھبەرلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش مەقسىتىدە قوللىنىلغان جازا تەدبىرلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. قىسقىسى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغىنى جازا تەدبىرلىرى ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغىنى زىيانلىق ناچار ھەرىكەتلەردۇر. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەسئۇل كىشىلەرگە جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ.»
مەزكۇر يىغىن مەيدانىدا يەنە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان خىتاي، ۋېنېزۇئېلا، ئىران، رۇسىيە، كۇبا، بېلورۇسىيە، زىمبابۇۋې ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋە ئۆزلىرىنى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇرغان كىشىلەرگىمۇ سۆز بېرىلگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىمۇ ئالېنا دوخاننىڭ دوكلاتىنى قوللاپ سۆز قىلغان. بىراق يىغىندىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى «ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» باشلىقى ھىللېل نۇئېر ئەپەندى (Hillel Neuer) بۇ دوكلاتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «دوخان خانىم، سىز شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى ب د ت دوكلاتچىسى بولۇپسىز. بۇ تولىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەت. مەن بۈگۈنكى يىغىن باشلىنىشتىن سەل بۇرۇن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتىم. ئۇ سىزنىڭ زىيارەتكە مېڭىشتىن ئاۋۋال ئۆزى ياكى باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلمىغانلىقىڭىزنى دېدى. بۇ راستمۇ؟ بۈگۈن، ئۇنىڭ بېگۇناھ ھەدىسى دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىنغانلىقىغا 2202 كۈن بولدى. ئۇنىڭ نەچچە تۈرلۈك كېسىلى بار ئىدى. سىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆت شەھەرنى زىيارەت قىپسىز. ئەجىبا سىز دوكلاتىڭىزدا مەدھىيەلىگەن ساھىبخانلىرىڭىزدىن ئۇلارنىڭ گۈلشەن ئابباسنى قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ نېمىشقا سورىمىدىڭىز؟ سىز خىتايدا غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىڭىزنى دېدىڭىز. ھالبۇكى، خىتايدىكى ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ زىنداندا ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ مەسىلەن، ۋاڭ بىڭجاڭ؟ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلمىدىڭىزمۇ؟ نېمىشقا قىلمىدىڭىز؟»
ئۇ سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلغان: «دوخان خانىم، سىز بىر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى دىنى ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك لاگېرلارغا قاماپ، زورلۇق بىلەن ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمايسىز-يۇ، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە كانادا تەرىپىدىن بۇ زۇلۇمغا قارشى قويۇلغان ئېمبارگولارغا قارشى تۇرىسىز؟ ب د ت نىڭ 49/82/ADD. 1 نومۇرلۇق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سىزنىڭ ئىشخانىڭىز خىتاي بەرگەن 200,000 دوللار پۇلنى ئالغان. سىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال ئىكەنلىكى ۋە ئەكسىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ۋىدېيو ۋە دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشىڭىز، ب د ت غا شەرەپ ئېلىپ كەلدىمۇ؟ سىز ئىران، سۈرىيە، ۋېنسۇئېلا ۋە زىمبابۇۋېنى زىيارەت قىلغاندا، نېمە ئۈچۈن مىليونلىغان قۇربانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلدىڭىز ۋە زالىملار بىلەن بىر سەپتە تۇردىڭىز؟»
ھىللېل نۇئېر ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن يىغىن زالى بىر مەھەل سۈكۈتكە چۆمگەن. ئالېنا دوخان بولسا يۇقىرىقى ئەيىبلەشلەردىن كېيىن قاتتىق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ يىغىن ئاخىرىدا ئۆزىگە بېرىلگەن سۆز قىلىش پۇرسىتىدە ئۆزىنىڭ خىتايدىن پۇل ئالغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇ «مەن ئالاقىدار تەشكىلاتتىن بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشنى ۋە ب د ت دىكى غەيرىي-ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەيدانغا ماس كېلىدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشنى سورايمەن. سىز تىلغا ئالغان پۇل سوۋغات ئەمەس. بۇ پۇل كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن تولۇق كونترول قىلىنىپ ئىشلىتىلىدىغان پۇل» دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ھىللېل نۇئېر ئەپەندىنىڭ ئۆزى بىلەن ھەقىقەتەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ مەيداندا ھەدىسىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىدىغان يۇقىرىقى بۇ مۇستەقىل ئورگان 2022-يىلى 83 بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دوكلاتچىسى ئالېنا دوخاننىڭ بېيجىڭغا قىلغان بىر سەپىرى مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا يانتاياق بولغانلىقىنى ھەمدە خىتايدىن 200 مىڭ دوللار پۇل ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
دەرۋەقە، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 8-سېنتەبىر كۈنى ئورۇنلاشتۇرغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تور پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئىكەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۇ يىل 8-ئايدا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بىر تەرەپلىمىلىك جازالاش تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى ئالاھىدە دوكلاتچىنىڭ ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ ئورۇننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. ئۇ بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئالېنا دۇخان (Alena Douhan) مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكاغا قارشى مەيدانىنى قوغدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
روشەن خانىم بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرىنى ئازايتىش ۋە ئالېنا دوخانغا ئوخشايدىغان كىشىلەرنى تازىلاشتا مۇھىم رولى بارلىقىنى ئېيتتى.
بېلورۇسىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورى بولغان ئالېنا دۇخان 2020-يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە دوكلاتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ ب د ت نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقات يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىملاپ قاتناشقانلىقى، ھەتتا 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «غەرب جاھانگىرلىكىنىڭ جازالىرىغا قارشى تۇرايلى» تېمىسىدىكى يىغىندا نۇقتىلىق سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغانلىقى دىققەت قوزغىغانىدى.