نورۋېگىيەدە 4 تەرەپ بىرلىشىپ خىتايغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە شىكايەت خېتى ئەۋەتكەن ۋە خىتايغا قارشى ئوچۇق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ 9-فېۋرال بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، نورۋېگىيە بىلەن خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىش ھارپىسىدا نورۋېگىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ھەرقايسى پارتىيەلەرگە تەۋە 8 ياشلار پارتىيەسىنىڭ قوللىشى، 4 كومىتېت ۋە ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن جەمئىي 14 ئورگان نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى، نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە تەيۋەن دوستلۇق جەمئىيىتى قاتارلىق 4 تەشكىلات بىرلىشىپ بۈگۈن تور ئارقىلىق خىتايغا قارشى ئوچۇق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خادىمى مۇھەتتەر خانىمنىڭ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا ھازىرلانغان ئوچۇق خەت توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، خەتتە نورۋېگىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بىكار قىلىش، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ ئالدىغا قويۇش» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ 3 تۈرلۈك تەلەپ ئىچىدىكى «ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» تەلىپى دىققەتنى تارتىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، 2010-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەندىن كېيىن نورۋېگىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش 6 يىل داۋاملاشقان. 2016-يىلىغا كەلگەندە نورۋېگىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش» دەيدىغان بىر كېلىشىم ئىمزالانغان. كېلىشىمنىڭ روھىغا بىنائەن نورۋېگىيە تەرەپ خىتايغا ھەر ساھەدە زور دەرىجىدە يول قويغان ۋە داۋاملىق يول قويۇشقا مەجبۇر ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان. نورۋېگىيەنىڭ 2020-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىشكە جور'ئەت قىلالماسلىقىغىمۇ مەزكۇر كېلىشىم سەۋەبچى بولغان. بۇ تۈپەيلى نورۋېگىيەدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەر بۇ كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى 9-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 تىن 15:30 قىچە ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا داۋام قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدە بىزنى تەپسىلىي مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.

نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى مېرىتا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە تەيۋەن دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلىشىپ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا نارازىلىق خېتىمىزنى ئېلان قىلدۇق. نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭدىكى زۇلۇملىرىغا ھەمدە تەيۋەنگە قارىتا تەھدىتلىرىگە بىنەزەر ھالدا خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىماقچى بولغانلىقى غەرب قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن ئەمەس. دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقنى قەدىرلەيدىغان بىر دۆلەتنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇۋېلىشى ئىنسانىي ئەخلاققىمۇ ماس كەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ يەردە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتىمىز ۋە ھۆكۈمەتتىن خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز».

نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېشكامۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز نورۋېگىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىمزالىماقچى بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوچۇق خەتلەر ھازىرلاپ ئۇنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇردۇق ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتتۇق. كۆپلىگەن ياشلار پارتىيەسى بىزنى قوللىدى. بىز خېتىمىزدە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتەك جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇق ھەمدە ئۇنىڭدىن غەرب قىممەت قارىشىغا سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلدۇق. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلدۇق. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتايغا قارشى ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور دەپ قارايمەن. كېلەچەكتە خىتايغا قارشى بىرلەشمە فرونت قۇرۇش نۇقتىسىدىن تېخىمۇ شۇنداق».

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى، نورۋېگىيە خوڭكوڭ كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە تەيۋەن دوستلۇق جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۆزلىرى ھازىرلىغان ئاخباراتلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلان قىلغان. ئاندىن نورۋېگىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە ۋە كومىتېتلارنىڭ رەھبەرلىرى نورۋېگىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. يىغىننىڭ ئاخىرى سوئال-جاۋابلار بىلەن تاماملانغان.