بۇ يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى IPAC دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى ياپونىيە پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا سۆز قىلغان ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى سكوتت موررىسون (Scott Morrison) ئەپەندى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توختىتىلمىسا خىتايغا ئىلھام بەرگەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى سكوتت موررىسون ئەپەندى يىغىندا مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق 2014-يىلى پىلانلانغانىدى. بۇ، 2017-يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى. خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ قەتئىي رەھىم قىلماڭلار دەپ يو يورۇق بەردى. 2019-يىلى‹نيۇ-يورك ۋاقتى› گېزىتىدە شىنجاڭ مەخپىي ساقچى ئارخىپلىرى ئاشكارىلاندى. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان ‹مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يوق قىلىنىشى› ماۋزۇلۇق دوكلاتتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يوق قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنداقلا 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي جىنايەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختاتمىساق، خىتايغا ئىلھام بەرگەن بولىمىز».
خەلقئارالىق خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى يىغىنى 17-فېۋرال ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت 7 گىچە پۈتۈن كۈن ياپونىيە پارلامېنتىدا داۋام قىلغان. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر يىغىنغا ياپونىيە پارلامېنتىدىنمۇ كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلگەن ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى لىز ترۇسس (Liz Truss) خانىم ۋە بېلگىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى گۇي ۋەرخوفستادت(Guy Verhofstadt) قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالغان.
مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى سۆز قىلغان. روشەن ئابباس خانىم نۇتقىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
«بۈگۈن دۇنيادىكى ھەر بىر ئۇيغۇر شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ قۇربانىدۇر. ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا سولاندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرى ئېلىنماقتا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بالىلىرى چۈشۈرۈلمەكتە، ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىنماقتا. بۇلاردىن سىرت بىر مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر ئۆسمۈر يېتىمخانىلارغا سولاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىندى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىندى. خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قاماش ئارقىلىق جازالىماقتا».
روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى، ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان›7 دۆلەت گۇرۇھى‹بىلەن›20 دۆلەت گۇرۇھى‹قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇلاردىن سىرت ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش قانۇنىنى ماقۇللاپ ئىجرا قىلىشىنى، داخۇئا، خەيكاڭ (Hikvision) ۋە خۇئاۋېيگە ئوخشاش ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا بەل باغلىدى. سىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەنىڭ بۇ يامان نىيىتىنى توسۇۋالالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر».

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ مۇھىم يىغىندا ئىككى مۇھىم نۇقتا تەكىتلەنگەن ۋە بۇ ھەقتە كونكرېت قارار قوبۇل قىلىنغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى:
«بۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. بۇ بىرلەشمە باياناتتا ئىككى مۇھىم نۇقتا بار. بۇنىڭ بىرىنچىسى ئۇيغۇر، خوڭكوڭ قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتايغا قارشى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككىنچى بىرى، ياپونىيەنىڭ مۇشۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەردە جىنايى جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازاغا تارتالايدىغان قانۇن يەنى، ماگنىستكىي قانۇننى چوقۇم تۈزۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلدى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىغىن بولدى دەپ ئويلايمىز». ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى خەلقئارالىق خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرغان تۇنجى قېتىملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى:
«مەلۇم بولغىنىدەك بۇ يىل 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە›سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى‹يىغىنى چاقىرىلماقچى. مۇشۇ يىغىن ئېچىلىشقا 2-3 ئاي قالغان چاغدا پۈتۈن دۇنيادىن خىتايغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بۇنداق بىر بېسىمنى قىلىشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز. مۇشۇنداق خەلقئارالىق بېسىملارنىڭ تۈرتكىسىدە ياپونىيەنىڭمۇ 5-ئايدىكى 7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدىن بۇرۇن مەيلى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش توغرىسىدا بولسۇن، مەيلى ماگنىسكىي قانۇن شەكلىدە بولسۇن بىر قىسىم قانۇنلارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈلدى دەپ ئويلايمىز. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىغىن بولدى دەپ ئويلايمىز».
يىغىن جەريانغا قانىشىپ بارلىق سۆز-نۇتۇقلارنى ئاڭلىغان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ، يىغىندا سۆز قىلغان رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى سكوتت موررىسون ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى،
IPAC دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش كۈنىدە قۇرۇلغان بولۇپ، دېموكراتىك ئەللەردە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 100 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان. مەزكۇر خەلقئارالىق تەشكىلات خىتاينىڭ دۇنيادا پەيدا قىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي خەۋپى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆزىتىدىكەن.