ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدىكى «ئامېرىكا يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت قانۇنى» (USICA) ۋە ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئامېرىكا رىقابەت قانۇنى» (America Competes Act) نى ماقۇللىغان.
يۇقىرىقى ھەر ئىككى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى ئۈچۈن 50 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى، يەنە كەلگۈسىدىكى مۇھىم تېخنىكا ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 200 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ھوقۇقى بېرىشنى كۈچكە ئىگە قىلىدىكەن. بۇندىن سىرت يەنە ئۇ ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئادىل سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشۇمچە تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئالغان زور قەدەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ ئىككى لايىھە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاخىرىقى نۇسخاسى ئېلان قىلىنىدىكەن.
28-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مكگاۋېرن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. ئوچۇق خەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىىسدە ماقۇللانغان ئىككى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاخىرىقى نۇسخالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كۈچلۈك كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى ئوچۇق خېتىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە دۇنياۋى تەرتىپنى قايتىدىن بەلگىلەش ئۇرۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئاخىرىقى بىرلىككە كەلگەن نۇسخاغا قوشۇشقا تېگىشلىك بېرىلگەن تەكلىپلەر خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى يېقىنقى ئىككى يىلدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە «تىبەت سىياسىتى ۋە قوللاش قانۇنى» قاتارلىقلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، تەكلىپلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىققان خوڭكوڭلۇقلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن كېڭەيتىلگەن كۆچمەنلەر يولىنى بەرپا قىلىش؛ خىتاينىڭ سېنزور ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ۋە پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ تەقىپ قىلىشى ۋە تەھدىت سېلىشىدىن قوغداش؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسلىقى تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشكە قاتناشقان شەخسلەرگە جازا تەدبىرى قويۇش.»
يۇقىرىقىلاردىن سىرت يەنە خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قوللاش، ژۇرنالىستلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە قوغداش ئارقىلىق خىتاينىڭ ساختا ئۇچۇر ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش؛ خىتايدىكى ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك، پىكىر ئەركىنلىكى، ئاياللار ھوقۇقى قاتارلىق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىش؛ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، خىتاينىڭ نازارەت قىلىش ياكى باستۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ھالقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئامېرىكىنىڭ كاپىتال بازىرىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغان ياكى ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان پائالىيەتلەرگە بىلىپ-بىلمەي قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە خەۋپسىزلىكىگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى نۆۋەتتە ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان سىياسەتچىلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېما بولۇپ قالغان. بۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كونسېرۋاتىپ تەتقىقات مەركىزى بولغان «مىراس فوندى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «پۇتىن قوزغىغان ئۇرۇش ۋە خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىت» ناملىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ قىلغان سۆزىدىمۇ، خىتاي تەھدىتى ئۈستىدە نوقتىلىق توختالغان. ئۇ خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنىڭ ئەسلىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەيدا قىلغان تەھدىتدىنمۇ زورلۇقىنى تەكىتلەپ: «بىز يادرو قورال ئامبىرىغا ئىگە بولغان، ئەمما ھالقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى كونترول قىلىدىغان، يەر شارى سودا بازىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بېيجىڭدەك رەقىبكە دۇچ كېلىۋاتىمىز،» دېگەن.
ئۇ يەنە «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، خىتاي كومپارتىيىسى يەر شارى تەرتىپىنى قايتىدىن قۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىشتىكى ھەقىقىي ئارزۇسىنى يوشۇرۇپ كەلدى. ئەمما ئۇلار ھازىر ئۇنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايۋاتىدۇ. . . ئۇلار تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشنىڭ بىردىنبىر يولى باشقىلارنى، بولۇپمۇ ئامېرىكانى ئاجىزلاشتۇرۇش دەپ قارايدۇ،» دېگەن.
ماركو رۇبىيو سۆزى داۋامىدا خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ سودا ۋە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىن كەڭ-كۈشادە پايدىلىنىپ، ئۆزىنى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى، تېخنىكا ئوغرىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئۇ سۆزى داۋامىدا كۆپ قېتىم «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تولۇق يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ئىشەنچلىك يەرلەرگە يۆتكەشنىڭ ئەھمىيىتىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.
ماركو رۇبىيو يەنە بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەت بەدىلىگە خىتاينىڭ كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاندىمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى لوبىيچىلىق قىلغان نايكى، كوكاكولا، ئالما شېركەتلىرىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە «مۇلەن» فىلىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى جايلاشقان يەرلەردە فىلىمگە ئالغاننى ئاز دەپ، ئاشۇ جازا لاگېرلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان ساقچىلارغا رەھمەت ئېيتقان «ھوللىيۋۇد» نى تىلغا ئېلىپ، بۇ شىركەتلەرنى ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىمۇ كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتا رەھبەرلىرىگە يازغان ئوچۇق خېتىدە، خىتاي تەھدىتىگە ئومۇمىييۈزلۈك تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىش تەشۋىقاتى ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل كۈچەيتكەنلىكى، خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان پائالىيەتچىلەر، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە شەخسلەرنى نىشان قىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئۇلار مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «كىشىلىك ھوقۇق بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يادروسى ھەم ئامېرىكا پرىنسىپلىرىنىڭ نامايەندىسى. قانۇن لايىھەسنىڭ ئاخىرىقى نۇسخاسى چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىغا ئائىت مۇستەھكەم ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، بۇ بىزنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇستەبىتلىك دولقۇنىغا قارشى تۇرۇشىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك. بىز سىلەرنىڭ دېموكراتىك ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى قوغداش ھەم ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىدىن ئايرىپ قارىمايدىغانلىقىمىزدىن بېشارەت بېرىدىغان كۈچلۈك تىل ۋە سىياسەت تەشەببۇسلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشىڭلارنى سورايمىز.»
بۈگۈن يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت ئەپەندىمۇ خىتاي تەھدىتى ھەققىدە مەخسۇس يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئاچقان. مەزكۇر يىغىندىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى قاتارىدا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان.