«يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى: «ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتايغا قارشى جىددىي چارە-تەدبىر ئېلىشى كېرەك»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا باشتا بولۇپ بەزى غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك بېكىتىلگەن، لوندونغا جەم بولغان گۇۋاھچىلار «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 4-ئىيۇن باشلىنىدىغان سوتى ئۈچۈن جىددىي ھازىرلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ ھاللاردا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. بۇ پارتىيەلەردىن بىرسى «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىدۇر. بىز بۇ ھەقتە كۆز-قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بەكىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى كونكىرېت چارە-تەدبىرلەر ئېلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ سىياسىتى دۇنياغا ئاشكارىلانغان بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دېگەن نامدا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرگە ئېغىر زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. رايوندا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكقى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىمۇ بەرمەيۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارغا زوراۋانلىق سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇرۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىرقچىلىق، ئېتنىك كەمسىتىشتىنمۇ ئېغىر بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇڭا بەزى دۆلەتلەرنىڭ پەقەتلا بەزى قارارلارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى يېتەرلىك بولمايدۇ. خىتايغا قارشى كونكىرېت چارە-تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

ئۇ بىنىڭ «قانداق چارە-تەدبىر ئېلىشى كېرەك» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىمبارگو ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئامېرىكا ۋە رۇسيە فېدېراتسىيەسىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن، بولۇپمۇ ئېنىرگىيە جەھەتتىن سىرتقا بېقىنغان بىر دۆلەتتۇر. چەت ئەلدىن ئېنىرگىيە سېتىۋالماي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا خىتاي ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› زەنجىرىدىكى دۆلەتلەرگە قەرىز بەرمەكتە، ئۇلارنىڭ پورتلىرىنى ئىجارىگە ئالماقتا. بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. ئەگەر مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھەمپىكىر بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقسا، بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنداق بولماي بىز پەقەتلا خىتاينى ئەيىبلەپ قويۇپ ئولتۇرساق، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيمىز.»

دوغان بەكىن ئەپەندى تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە باشلامچىلىق رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە باشلامچىلىق رول ئوينىشى شەرت. شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك، دەپ ئويمايمەن. پارتىيەمىز شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدۇ. بىز پەقەتلا تۈركىيەدىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەلدىكى سىياسىي پارتىيە، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، ھەتتا دىپلوماتلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىۋاتىمىز. ئەپسۇسكى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بۇ زۇلۇمدىن تېخىچە بىخەۋەر. چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە دۇنيادا تەتۇر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا سوت ھەرىكەتكە ئۆتسە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمى ئازىيىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

«يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى ئىسلامىي قىممەت قاراشلارنى تەرغىپ قىلىدىغان، تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردىن بىرىدۇر. مەلۇم بولغىنىدەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ئۇيغۇرلارنى قوللىماقتا، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرماقتا ياكى خىتاينى قوللىماقتا. «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بەكىن ئەپەندىدىن بۇ ھەقتە سورغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرى: بىز مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن ئۇچراشقاندا داۋاملىق بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. بولۇپمۇ بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن دۆلەتلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلىتىۋاتىمىز ۋە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. ئەپسۇسكى، بەزى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرىۋېلىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي ئاسيا دۆلەتلىرىگە ۋە ئافرىقادىكى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە قەرز پۇلى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشماقتا. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بىئارام قىلماقتا. خىتاينىڭ بۇ خىل كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى داۋاملىشىدىغان بولسا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كۈچىيىدۇ دەپ ئويلايمەن. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ روھىنگا، كەشمىر، پەلەستىن مەسىلىلىرى بىلەن بىر تۇتاش ھەل قىلىشقا تىرشىشى كېرەك.»

دوغان بەكىن ئەپەندى تۈركىيەنىڭ 2016-يىلىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. لېكىن 2016-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە غەرب ئەللىرىدىن قەرز پۇل ئېلىشتا قېيىنچىلىققا ئۇچراشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتايغا يېقىنلىشىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. خىتاي ئىستانبۇلغا بەزى ساھەلەر بويىچە مەبلەغ سالدى. خىتاي تۈركىيەگە قەرز پۇلمۇ بەردى. شۇڭا تۈركىيەنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر قېلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتى خاتادۇر. پارتىيەمىزنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم پروفېسسور دوكتور نەجمەتتىن ئەرباقانغا ئوخشاش، تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشى كېرەك.»

«يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1983-يىلى نەجمەتتىن ئەرباقان قۇرغان «رەفاھ پارتىيەسى» نىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.