ئامېرىكادا تەشكىللەنگەن خىتاي ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى: ئامېرىكا خىتايغا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك

0:00 / 0:00

ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن خىتاي ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى 30-سېنتەبىر خىتاي كومپارتىيەسىگە تاقابىل تۇرۇش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزەلدىن تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ۋە «ئامېرىكا خىتايغا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك» دېگەن.

بۇ دوكلات خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان نەچچە ئايلىق تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تەھدىت سالغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل پىلانى بىرمۇ بىر كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان مەغلۇبىيەتلىك كونا سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەسىدىن ۋاز كېچىشى ھەمدە خىتايغا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

30-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن كېۋىن مەككاسى (Kevin McCarthy)، مايكول مەككائۇل (Michael McCaul) قاتارلىقلار قاتناشقان. كېۋىن مەككاسى يىغىندا سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتقىدا خىتاي ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمىتى ۋە تۆھپىسىنى ماختىدى، شۇنداقلا بۇ دوكلاتنىڭ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ دوكلاتتىكى 60 پىرسەنت كۆز قاراشنىڭ ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكادىكى سىياسىيونلاردىن تارتىپ داڭلىق شىركەتنىڭ لىدېرلىرىغىچە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قىسقىچە دوكلاتلىرىدىن مەنبە ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئاندىن ئۇ بۇ دوكلاتتىكى تەكلىپلەرنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن خۇلاسىلىدى: بىرىنچى، ئامېرىكالىقلارنى تېببىي ئەسلىھە جەھەتتىنلا ئەمەس، مۇھىم كان مەھسۇلاتلىرىدا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلەيدىغان قىلىش؛ ئىككىنچى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق خىتاينى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈش؛ ئۈچىنچى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇش. بۇ نۇقتىدا ئۇ ئامېرىكا مالىيە مىنىسىتىرلىقىنىڭ شىمالىي كورېيە ۋە ئىرانغىلا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ خىتاي بىلەن كارى بولماسلىقتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش ۋاقتىنىڭ ئەمدى كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئاخىرىدا ئۇ بۇ تەكلىپلەرنى ئاۋام پالاتاسىنىڭلا ئەمەس، كېڭەش پالاتاسىنىڭمۇ تەكلىپى دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ تەكلىپلەرنىڭ كېيىنچە خىتايغا قارشى يېڭى قانۇن-سىياسەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشىگىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مايكول مەككائۇل خىتاي ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلغانىكەن. ئۇ سۆزىدە بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا كۈچ چىقارغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ۋە بۇ خىزمەتكە قاتناشقان بارلىق ئەزالارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئاندىن بۇ دوكلاتنىڭ ئامېرىكا ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىككى پارتىيە تالىشىدىغان مەسىلىدىن ھالقىپ ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ خىتاينىڭ 1996-يىلدىكى ئامېرىكا سايلىمىغا قول تىققاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئامېرىكاغا سىڭىپ كىرىش، ئامېرىكاىڭ ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاش، ئامېرىكادىن بايلىق ۋە كۈچ تالىشىش ھەرىكىتىنى توختاتماي كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي يوشۇرغان كورونا ۋىرۇسى دۇنياغا، جۈملىدىن ئامېرىكاغا ئاپەت بولغانغا قەدەر ئامېرىكانىڭ بۇ تەھدىتنى ھېس قىلالماي كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدىمۇ ئامېرىكاىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دادام دېمەتلىكلەر ئامېرىكادىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈردى، بالام دېمەتلىكلەر ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى›گە شاھىت بولدى. بۇ ئەۋلادنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسىدۇر. بۇ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدىغان كۈرەش، بۇ دوكلات بولسا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قالىدىغان مۇھىم ئىسپاتتۇر. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خېلى كۆپ يىللارغىچە يېتەكچىلىك قىلىدۇ».

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە مەزكۇر دوكلاتتا ئامېرىكانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشى مەسىلىسى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا دائىر 83 تۈرلۈك بايقاش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە دائىر 430 تۈرلۈك سىياسىي تەكلىپ بېرىلگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھۆكۈمەتتىكى ئىككى پارتىيەنىڭ بۇ بىر ئەۋلاد ئامېرىكالىقلارنىڭ دۆلەت ۋە ئىقتىساد بىخەتەرلىكى دۇچ كەلگەن غايەت زور تەھدىتنى يوقىتىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بىر ھەرىكەت پىلانىدۇر».

بۇ دوكلاتتا يەنە تەيۋەن بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش، خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا سالغان مەبلىغىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەربىي بازا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن شىركەتلەرنىڭ ئىقتىساد مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، خوڭ كوڭلۇق پۇقرالارغا پاناھلىق بېرىش، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق بېكىتىش چاقىرىق قىلىنغان.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېنىق بېكىتىش تەلىپىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ جىنايەتنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئامېرىكا ئۇ جىنايەتنىڭ خاراكتېرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتسە ئۇيغۇرلارغا چوڭ ياردەم قىلغان ۋە ئۈمىد بېغىشلىغان بولىدۇ» دېدى. ئاندىن ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر دوكلاتتا، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلقئارا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ خوڭ كوڭ پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى داۋاملىق باستۇرغانلىقى، ھەربىي كۈچىنى زورايتىپ قوشنا ئەللەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى، ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ، ۋابانىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولغانلىقى قاتارلىق جىنايەتلەر كۆرسىتىلگەن. ئاندىن ئىجرائات قىسمىدىكى خۇلاسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ سىگناللار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلقئارا تەرتىپتىكى يادرولۇق پرىنسىپلارغا قانداق بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنى قانداق خەتەرلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل پىلانىغا ئەمدى كەڭچىلىك قىلىشقا ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ كەسكىن ھەرىكەت قىلىشى، يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك».

ئاۋام پالاتاسىدىكى 15 جۇمھۇرىيەتچى ئەزادىن تەشكىللەنگەن خىتاي ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ يىل 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭ خەتىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ھەل قىلىش چارىلىرى سۇنۇشنى نىشان قىلغانىكەن. خىتايدىن چىققان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان مەزگىلدە بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەن.