خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىكى يېقىندىن بۇيان ئالاھىدە دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان ئاۋسترالىيەنى ئۇنىڭ ئۈزۈم ھاراقلىرىنى چەكلەش ئارقىلىق جازالىماقچى بولۇشى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە دادىللىق بىلەن ھەرىكەت قىلغان لىتۋانىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن جازالىماقچى بولۇشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 8-دېكابىر كۈنى «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىكى» تېمىسىدا بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلدى. دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلىي سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي شېرىكى بولغان خىتاينىڭ غايەت زور بازىرىنى ۋە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە ئوخشاش سەزگۈر مەسىلىلىرىدىكى پەرقلىق ئاۋازلارنى توسۇشتىكى كوزىر قىلىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز بازىرىغا كىرمەكچى بولغان چەتئەل شىركەتلىرىنى ئۆزىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ئەكسىنى قىلغان شىركەتلەر ۋە دۆلەتلەرنى بولسا خۇددى ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىنوسى)ئۈزۈم ھاراقى(، نورۋېگىيەنىڭ سومون بېلىقى، فىلىپپىننىڭ بانانلىرى ۋە تەيۋەننىڭ ئاناناسلىرىنى چەكلىگەنگە ئوخشاش ئىقتىساد ئارقىلىق جازالاش ھەرىكىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
بولۇپمۇ جېف مېركىلىي ئەپەندى نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئولىمپىكنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەسىردە قىلىۋاتقان ئېغىر ئىنسان ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدىن قورققانلىقتىن ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ، سۈكۈت يولىنى تاللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنىڭغا مىسال كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:
«بىز تېخى يېقىنقى ھەپتىلەردىلا بۇنىڭ جانلىق مىسالىنى كۆردۇق. پىراگادىكى ماررىيوت مېھمانخانىسى سىياسىي بىتەرەپلىك باھانىسى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا زال بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما بىز خىتايغا بويۇن ئەگمىگەنلەرنىمۇ كۆردۇق. خەلقئارالىق ئاياللار تېننىس توپ جەمئىيىتى خىتاي تېننىس ماھىرى پېڭشۇەينىڭ ئاقىۋىتى سەۋەبلىك خىتايدىكى بارلىق تىجارەت مۇسابىقىلىرىنى بىكار قىلدى. بۇ مېنى ۋە خىزمەتداشلىرىمنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى».
جېف مېركىلىي سۆزى داۋامىدا ئامېرىكانىڭ چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئىقتىسادىي زوراۋانلىقىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشى، ئۆز شىركەتلىرىنى قوللىشى ۋە ئۆكتىچى ئاۋازلارنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرى ۋە ۋاسىتىلىرىنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۈگۈنكى يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭمۇ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس مېكگاۋرىن سۆز قىلدى. جەيمىس مېكگاۋرىن ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە خىتاي ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلغان بىرى بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەينى چاغدا خىتايغا ئوخشاش ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى بولغان بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەكېرىلىشىنىڭ بىر خاتالىق بولغانلىقىنى ۋە بۇ خاتالىقنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بۈگۈن كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۈگۈن ئىقتىسادىي ۋە نوپۇز جەھەتتىن زورايغان خىتاينىڭ بۇ ئەۋزەللىكلىرىنى زومىگەرلىك ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ خىتاينىڭ زومىگەرلىكىنىڭ دۇنياغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى ھەربىي جەھەتتىنمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن خىتايغا قوشنا دۆلەتلەردە خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ھازىرلىقلارنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. شۇڭا ئۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىكىگە چوقۇم تاقابىل تۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.
ئارقىدىن ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى سىۋاسكىيمۇ سۆز قىلىپ 1970-يىلىدىن كېيىن نىكسون خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىمىزگە ئوخشىتىمىز دەپ قارىغان بولسا، 1980-يىللاردا ئامېرىكانىڭ ئىستېمال باھاسىنى چۈشۈرۈش بەدىلىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئىزدەپ بارلىق ئىشلىرىنى خىتايغا يۆتكىگەنلىكىنى ئېيتىپ: «بۈگۈن بىز بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەۋاتىمىز» دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى ئالغا سۈرۈش ياكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى، ئەقلىي ۋە ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىنى ئىشقا سالغانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى كىمكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلسا ياكى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى، خوڭكوڭ مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلسا بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ». ئۇ بۇنداق ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە ھازىرغىچە ئامېرىكادىكى شىركەتلەر، ن ب ئا ۋاسكېتبول ئۇيۇشمىسى، ھوللىيۋود چولپانلىرى، مېھمانخانا زەنجىرلىرى ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇچراپ باققانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ئامېرىكا ئەمدى ئويغىنىشى كېرەك، دۇنيا ئەمدى ئويغىنىشى كېرەك. بىز بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زوراۋانلىقىنى تىزگىنلىشىمىز كېرەك»، دېدى
مەزكۇر يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىشكە ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات مەركەزلىرىدىن «مارشال فوندى» نىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى بوننىي گلەيسر خانىم تەكلىپ قىلىنغان. بوننىي گلەيسىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆچ ئېلىشنى ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىكىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپ ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كۆپىنچە ھاللاردا جازاسىز قالدۇرۇلۇشىنىڭ زور تەسىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ جازاسىز قېلىش خىتاينى ھەددىدىن ئاشۇردى، دېدى.
بوننىي گلەيسىر خانىم يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى تۈزۈپ چىققانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، مانا بۇنىڭ ھازىر دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا دەرھال كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق ۋە ئوخشاش كۆز قاراشتىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زوراۋانلىقىغا تاقابىل تۇرۇشى لازىم. شۇنداقلا دەرھال شىركەتلەر ۋە ساھەلەرنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جازالىرىدىن قوغدايدىغان ياكى ئۇنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرىدىغان ئاماللارنى تېپىپ چىقىشى كېرەك».
ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ، خىتايغا ئەڭ كۆپ باغلىنىپ قالغان ساھەلەرنى بېكىتىپ چىقىپ بۇ ساھەلەرنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەش يەنى خىتايغا باغلىنىپ قېلىشنى ئازايتىش لازىملىقىنى، ئىككىنچىدىن، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچرىغان شىركەت ياكى ساھەگە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئەڭ ئاز سەۋىيەگە چۈشۈرىدىغان ئاماللارنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكى، ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ زومىگەرلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پىلانى ۋە تەدبىرلىرى بولۇشى كېرەكلىكى، بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىشى زۆرۈرلۈكى، بەشىنچىدىن، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى پرىنسىپ ۋە ئامېرىكانىڭ قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا تىجارەت قىلىشقا ئۈندەيدىغان تىجارەت ئۆلچەملىرىنىڭ تەشەببۇس قىلىنىشى، ئالتىنچىدىن، ئوخشاش كۆز قاراشتىكى دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ زومىگەرلىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىدىغان بىرلىك ھاسىل قىلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلغان باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ دوكلاتلىرىدا بىردەك خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زوراۋانلىقىغا تاقابىل تۇرۇشتا خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، خەلقئارا ئورتاق تاقابىل تۇرغاندىلا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىكىگە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
