سەئۇدىي ئەرەبىستانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋىپى ئەندىشە قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

2020-يىلى فېۋرالدا تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۇمرە ھەجگە بېرىپ، تۈركىيەگە قايتالماي سەئۇدى ئەرەبىستاندا قەپ قالغان ۋە سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرى ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدىن باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىز ھەمدۇللا ۋەلىنى تۈركىيە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، دوكتۇرانت نۇرىددىن ئىزباسار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ ھەمدۇللا ۋەلىنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكەش ئۈچۈن ب ت د كىشىلىك ھوقۇق كومتېتىغا ئەرز سۇنۇپ، سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدى ساقچىلىرى ھەمدۇللا ۋەلىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تۈرمىدىن باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى ھەمدۇللا ۋەلى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇتۇلۇپ كەتكەن ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن يەنە بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مەلۇم بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن. بىز بۇلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن 1‏-ئاينىڭ7 ‏-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندۇق. بىز ئەرز سۇنۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنى بۇرۇن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان يېرىدىن مېھمانخانىدەك بىر يەرگە يۆتكىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. يەنىلا ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىش خەۋپى بار، چۈنكى ئۇلار تېخى قويۇپ بېرىلمىدى. ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاندىن بىخەتەر دۆلەتلەرگە كېتەلەيدۇ. بىز ب د ت نىڭ بۇنىڭغا بىر خىزمەت قىلىپ، ئاشۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن بىخەتەر دۆلەتلەرگە چىقىرىلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە بېسىم ئىشىلتىۋاتىمىز. ھەم بىزمۇ سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىغا ۋە ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسىغا خەت يازدۇق. داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىمىز، ب ت د نىڭ ئۇلارنى بىخەتەر دۆلەتكە يۆتكەپ كېتىشى ئۈچۈن ئىزچىل تەلەپ سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز.»

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ ئادۋوكاتى، پروفېسسۇر دوكتۇر ئىلياس دوغان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىلياس دوغان ئەپەندى ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ ئەھۋالى توغرىسدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەمدۇللا ۋەلى ئەسلى تۇرپانلىق بولۇپ، 2016‏-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە كىيىم تىكىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ دىنىي تەلىم ئالغان بىر كىشى. 2020‏-يىلى فېۋرالدا ئۇمرە ھەجىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان. كېيىن خىتاي ۋىرۇسى يامراپ كەتكەندىن كېيىن ئايرۇپىلانلار توختاپ كېتىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالغان. ئۇ تۈركىيە پۇقراسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە قايتالمىغان. بىراق ئۇنىڭ تۈركىيەدە مۇددەتسىز ئولتۇرۇش رۇخسىتى بار. ئۇ قايتالمىغاندىن كېيىن، سەئۇدىي ئەرەبىستانىدا قانۇنلۇق ئولتۇراقلىشىش روخسىتى ئالغان. تۈركىيەگە قايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، نەتىجە چىقمىغان. 2020‏-يىلى11 ‏-ئاينىڭ ‏20-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچىلىرى ئۇنى يەنە بىر ئۇيغۇر بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلغان ۋە تۈرمىگە تاشلىغان. كېيىن باشقا بىر يەرگە يۆتكىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ئەمما قەيەرگە يۆتكىگەنلىكىدىن مەلۇماتىمىز يوق. ھەمدۇللا ۋەلىدىن2020 ‏-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇيان ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىدۇق. ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن بىر تۈركۈم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇنىڭ تۈركىيە قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەم سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرىغا ھەم خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇندۇق، ئەمما ھازىرغىچە بىزگە جاۋاپ قايتۇرمىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋاپ بېرىشىنى كۈتىۋاتىمەن. سەئۇدى ئەرەبسىتانىنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ۋاقىت بەرسە ئۇچرىشىشنى خالايمىز. ھەمدۇللا ۋەلىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېتىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قسىمى ئۆزلىرى بارغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەكتە. مىسال ئالىدىغان بولساق، سەئۇدىي ئەرەبىستان، پاكىستان، مالايسىيە، تايلاند، تاجىكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.

ئادۋوكات ئىلياس دوغان ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن خىتايغا قايتۇرۇلىۋاتىدۇ. ھىندونېزىيە، مالايسىيا، تايلاند، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن خىتايغا قايتۇرىلىۋاتىدۇ. بىر دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىغا ئىمزا قويمىغان بولسىمۇ، ئەگەر ئۇ دۆلەت ب د ت غا ئەزا بولغان بولسا زۇلۇمغا ئۇچرايدىغان، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغان بىر كىشىنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى لازىم. چۈنكى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ قانۇنغا دىققەت بەرمەستىن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ.»

ئادۋۇكات ئىلياس دوغان ئەپەندى ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە خىتايغا قەتئىي قايتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ» سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەسىلىسىگە جىددىي قارىشىنى كۈتىۋاتىمىز «دېدى.