پىرېزىدېنت ترامپ خىتايغا 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇش بىلەن سودا جېڭىنى باشلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.24
trump-xi-graphic
Photo: RFA

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 21-يانۋار كۈنى قىلغان سۆزىدە، خىتايدىن كېلىپ مېكسىكا ۋە كانادا ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىۋاتقان فەنتانىلنى چەكلەش ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خىتاي ماللىرىدىن يەنە 10 پىرسەنت جازا خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە، «رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 22-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىرىنچى كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، بەزى دۆلەتلەرگە يۇقىرى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى، ئەمما سايلام مەزگىلىدە ۋەدە قىلغىنىدەك بۇ ئىشنى دەرھال باشلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھالبۇكى، ئۇنىڭدىن كېيىن قىلغان سۆزلىرىدە تاموژنا بېجىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش پىلانىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، ئەگەر كانادا بىلەن مېكسىكا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە خىتايدىن كېلىۋاتقان فەنتانىل مەسىلىسىنى ھەل قىلمايدىغان بولسا، ئۇلاردىن 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فەنتانىل خىتايدىن كېلىدىغان زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئامېرىكىلىق فەنتانىلدىن زەھەرلىنىپ ئۆلىدىكەن. ئاقساراي مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋارو 21-يانۋار مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ترامپنىڭ كانادا بىلەن مېكسىكاغا تاموژنا بېجى قويۇشىدىكى مەقسەتنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە بېسىم قىلىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «پىرېزىدېنت ترامپ كانادا بىلەن مېكسىكاغا 25 پىرسەنت، خىتايدىن 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئالماقچى. ئامېرىكىدا ھەر كۈنى 300 ئادەم فەنتانىلنى ئارتۇق ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن ئۆلۈۋاتىدۇ».

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) خادىملىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى توسۇش ھەرىكىتىدە. 2019-يىلى 2-ماي، تېكساس.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) خادىملىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى توسۇش ھەرىكىتىدە. 2019-يىلى 2-ماي، تېكساس.
REUTERS

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو خىتايغا قويۇلغان 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پىرېزىدېنت ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا، خىتاينىڭ بۇ تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىشقا باشلايدىغانلىقىنى، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگوسى ۋە تاموژنا بېجىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدى، شۇڭا تاموژنا بېجىنىڭ نىسبىتىنى ئۆزى بۇرۇن دېگەندىنمۇ كۆپ ئازلاتتى. مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلمەك تەس، مېنىڭچە بۇ ترامپنىڭ قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىنكى سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. مەن شەخسەن بۇ تاموژنا بېجىنى بەك ئىشقا يارايدۇ دەپ قارىمايمەن».

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ 20-يانۋار كۈنى بىر ھۆججەت ئىمزالاپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سودىسىدا ساقلىنىپ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغان. بۇ مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ تاشقى سودىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، ئادالەتسىزلىك، جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىۋاتقان خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مونوپوللۇق قىلمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايدىن 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەييارلىقى دەپ قارالغان. ترامپ ئىمزالىغان بۇ ھۆججەتتە يەنە، ‹800 دوللاردىن تۆۋەن مالغا تاموژنا بېجى ئالماسلىق» بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنغان. چۈنكى مۇشۇ بەلگىلىمىدىكى يوچۇق سەۋەبىدىن فەنتانىلنى ياساشقا كېرەكلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كۆپلەپ كىرگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ۋاشىنگتون ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى سودا مۇتەخەسسىسى ۋىليام رېيىنچ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تاموژنا بېجى تاكتىكىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ئىشتا بەك ئالدىراپ كەتمەسلىكنى، ئۇنى مۇمكىنقەدەر پۇختا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ قانداق قىلغاندا ئامېرىكىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چارە ئىزدەۋاتىدۇ».

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىتنىڭ قارىشىچە، دونالد ترامپ پىشقان سودىگەر ھەم مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئىچىدىن يول ئىزدەيدىغان سىياسىيون بولۇپ، خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى يەنە 10 پىرسەنت ئۆستۈرۈشى، خىتايدىن كىرىۋاتقان زەھەرنى چەكلەش ئۈچۈن قوللانغان جىددىي تەدبىرىدىن ئىبارەت.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا يەنە 10پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «سودا جېڭى ياكى تاموژنا جېڭىدە ھېچقايسى تەرەپ غەلىبە قىلالمايدۇ. خىتاي باشتىن ئاخىر ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ تۈرلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ، خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرىدىن 100 پىرسەنت، تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن 25 پىرسەنت باج ئېلىنىدىكەن. ھالبۇكى توك ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئىيونلۇق باتارېيە، ماشىنا زاپچاسلىرى، شۇنداقلا ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە 150 كە يېقىن خىتاي شىركىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى سەۋەبىدىن ئېمبارگو قويۇلغانىدى. دونالد ترامپ دەۋرىدە يۇقىرىقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ماللىرىنى چەكلەش داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە دوكتور رايموند كو مۇنداق دېدى:

«مەنچە شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، ترامپ سودىغا ماھىر ئادەم، شۇڭا تاموژنا بېجىنى دېمىگەندە، ئۇنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى قىممەت قارىشىنىڭ ھەممىسى ياخشى. ئۇ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدۇ، ئەمما ئۇ ئالدى بىلەن، ئۇنىڭدىن مەن قانداق پايدا ئالالايمەن دېگەننى ئويلايدۇ. ترامپ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، خىتاي ماللىرىغا ھەر خىل چەكلىمە قويدى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي كەلگۈسىدە ئامېرىكادىن تېخىمۇ كۆپ مال ئالىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئەمما خىتاي ئامېرىكىغا كۆپلەپ مال چىقىرىشنى داۋام قىلدى. ترامپ سىياسەت جەھەتتە غەلىبە قىلدى، ئەمما سودا تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. ترامپ بەلكى بۇ قېتىممۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن، مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشنى بوشىتىشى مۇمكىن».

خىتاي ھازىر ئامېرىكا بىلەن قارشىلاشماسلىق، بەلكى ھەمكارلىشىش يولىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، پىرېزىدېنت ترامپ خىتايغا ئۈستىلەپ تاموژنا بېجى قويغان ئەھۋالدا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا مەلۇم ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. دوكتور قەيسەر مىجىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلان ماسكتەك چوڭ بايلار پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي بىلەن قىلىدىغان سودىسىغا، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدىكى قارارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئوكسفورد ئومنىيا خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرېكتورى ئېلىنا بېرنىنى (Elena Bernini) بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «گەرچە ھازىر ترامپنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›غا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش بالدۇر بولسىمۇ، شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئۇ ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغان ئۇسۇللىرىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىدۇ. ئەگەر ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلمىسا، ترامپ ئۇنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.