خىتايغا ياللانغان چەتئەللىك تەشۋىقاتچىلار ھەققىدە ئامېرىكالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ چولپانلىرى نېمە دەيدۇ؟

0:00 / 0:00

«سودا ساھەسىدىكىلەر» (Business Insider) خەۋەر تورىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىگە قارىغاندا، خىتاي تەرەپ ئامېرىكانى ئاساس قىلغان Vippi Media ناملىق ئاخبارات شىركىتى بىلەن TikTok، Instagram ۋە Twitch قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئاكتىپ ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى ئۈچۈن 300 مىڭ دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان.

ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىشى سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كېيىن، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغانىدى. ياۋروپادىكى دۆلەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بارغان جەنۇبىي ئافرىقىلىق جېرى گۈدى يۇتۇب ۋىدىئوسىدا ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك دە تۇرۇپ «ئۇيغۇرلارغا قارىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتىدۇ دېگەن يالغان» دېمەكتە.
ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بارغان جەنۇبىي ئافرىقىلىق جېرى گۈدى يۇتۇب ۋىدىئوسىدا ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك دە تۇرۇپ «ئۇيغۇرلارغا قارىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىۋاتىدۇ دېگەن يالغان» دېمەكتە.

خىتاينىڭ مەكتەپلەر، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ھەر خىل شەكىللەر بىلەن سىڭىپ كېرىپ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقى چوڭ ئاخبارات قاناللىرىدىمۇ ئېلان قىلىندى. يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ ئاتالمىش ساياھەت ۋىدىيولىرىنى ئىشلەۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاقلايدىغان تۈردىكى ۋىدىيولارنى تارقىتىشى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بىز بۈگۈن خىتايدا 10 نەچچە يىل تۇرغان ۋە خىتاي ھەققىدە ئىشلىگەن ۋىدىيولىرى سەۋەبلىك ئاخىرى خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، تورداشلارغا laowhy86 ۋە Serpentza نامى بىلەن تونۇشلۇق بولغان مەتىيۈ ۋە ۋىنىستون بىلەن سۆھبەت ئىلىپ باردۇق.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئاڭلايسىلەر.